ھەيز توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر ۋە شەرھى
ھەيز
توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر ۋە شەرھى
فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەييارلىدى
(ھەدىسلەر كۈنسېرى موللىشىپ ماڭىدۇ)
(ھەدىسلەر كۈنسېرى موللىشىپ ماڭىدۇ)
ئەبۇ بەكرى
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيز قېنى تېگىپ قالغان كىيىمنىڭ قانداق
پاكىزلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:«قان ئاۋۋال
ياخشى ئۇۋلىنىدۇ، ئاندىن كىيىمگە سۇ سېپىپ سىقىلىدۇ؛ ئاندىن، سۇ بىلەن يۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن
كېيىن ئۇ كىيىمدە ناماز ئوقۇلىدۇ.»(ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛
بۇلۇغۇلمەرام 27)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ
ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: فاتىمە بىنتى ئەبۇ خۇبەيش (رەزىيەللاھۇ ئەنھا)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن
ئىستىھازە كېسىلى بولغان ئايالمەن. بۇ سەۋەبلىك پاك بولالمايمەن. (شۇنداق بولغاندىكىن)
ناماز ئوقۇمايمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ياق، بۇ ھەيز قېنى ئەمەس تومۇردىن كەلگەن قاندۇر. ھەيز قېنى
كەلگەندە ناماز ئوقۇماڭ. ھەيز قېنى توختىغاندا، تومۇردىن كەلگەن قاننى يۇيۇڭ ۋە
ناماز ئوقۇڭ» دېدى. (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ بۇلۇغۇلمەرام 66)
بۇخارىنىڭ
رىۋايىتىدە «كېيىن ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىڭ» دەپ كەلگەن. مۇسلىم ئۆزىنىڭ بۇ
لەۋزىنى قەستەن بايان قىلمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.
ھەمنە بىنتى
جەھىش مۇنداق دەيدۇ: بەك ئېغىر ئىستىھازە بولاتتىم. قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى
بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدىم. پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«بۇ (يەنى
ئىستىھازە قېنى) شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدۇر. ئۆزۈڭنى ئالتە-ياكى يەتتە كۈن ھەيزدار ھېسابلا.
ئاندىن غۇسل قىل. تولۇق پاكلانغاندا يىگىرمە تۆت ياكى يىگىرمە ئۈچ كۈن ناماز ئوقۇ،
روزا تۇت. بۇ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاياللارنىڭ ھەيز بولۇپ پاكلانغىنىغا ئوخشاش، سەنمۇ
ھەر ئاي مۇشۇنداق قىل. بىراق، ناۋادا پېشىن نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئەسىر نامىزى بىلەن
بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى
جۈپلەپ ئوقۇ. ئوخشاشلا، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەن بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ
يەتسە، خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا يۇيۇن، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئەتىگىنى
يۇيۇنۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇ. بۇ ئىككى ھالەتتىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر.»
(ھەدىسنى نەسائىدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى سەھىھ دېگەن، بۇخارى
ھەسەن دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 138-نومۇرلۇق ھەدىس)
مۇھەددىس
ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» دە بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن
(شەرھنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قىسىمىنىلا ئالدىم):
«بۇ
ئىككى ھالەتتىن»: يەنى، بۇ ئىككى ھالەتنىڭ بىرى ئىستىھازە بولغان ئايالنىڭ ھەر
ناماز ئۈچۈن پەقەت تاھارەت ئېلىشىدۇر. يەنە بىرى بولسا، بىر كېچە كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم
يۇيۇنىشىدۇر.
«ئەڭ
ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر»: يەنى، ھەيز مۇددىتى سىرتىدىكى ئىستىھازە مۇددىتىدە،
ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇشىڭنى تېخىمۇ ياقتۇرىمەن. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى
«بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 69-بەت)
ئۇممۇ ئەتىييە
رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىز (ھەيزدىن) پاكلانغاندىن كېيىن (ئەۋرەتتىن) كەلگەن
دۇغنى ۋە سېرىق سۇيۇقلۇقنى ئەرزىگۈدەك بىر نەرسە سانىمايتتۇق.» بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى
ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى ئەبۇ داۋۇدنىڭ. (‹بۇلۇغۇلمەرام›
140-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىسنى
مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ
مۇنداق شەرھلىگەن: بۇ خىل سۇيۇقلۇقلار ھەيز ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھەدىس، ھەيز مۇددىتى
توشقاندىن كېيىن ۋە ھەيز قېنى توختىغاندىن كېيىن چىققان (سارغۇچ) سۇنىڭ ھەيز ھېسابلانمايدىغانلىقىغا
دەلىلدۇر. («بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 140-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)
ئەبۇ سەئىد
خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
ئېيتقان:«ئايال كىشى ھەيزدار بولغاندا ناماز ئوقۇمايدۇ
ۋە روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟» ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت
قىلىنغان بىرلىككە كەلگەن ھەدىس بولۇپ، ئۇزۇ بىر ھەدىستىن ئېلىنغان.(ئىمام ئىبنى ھەجەر
«بۇلۇغۇلمەرام 144-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىسنى
مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ
مۇنداق شەرھلىگەن: ئىسلام ھەيزدار ئايال كىشىنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغانلىقىنى ۋە روزا
تۇتمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بىراق، ھەيزدار ھالەتتە تۇتالمىغان روزىسىنى باشقا
كۈنلەردە تۇتىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان ئوچۇق دەلىللەر مەۋجۇت. ھەيزدار
ھالىتىدە ئوقۇيالماي قالغان نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ (يەنى تولۇقلاپ ئوقۇمايدۇ.)[سەفىيۇرراھمان
مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 144-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى]
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىمىزدىن مۇنداق بايان قىلىنغان: (أنها كانت
تشرب من الإناء وهي حائض، فيأخذه رسول الله صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ،
فيضع فاه على موضع فيها.) ئائىشە ئانىمىز ھەيزدار ھالەتتە بىر چېنىدىن
سۇ ئىچەتتى، رەسۇلۇللاھمۇ شۇ چېنىنى ئېلىپ ئاغزىنى ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاغزى تەگكەن
يەرگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ سۇ ئىچەتتى. (مۇسلىم 300)
Yorumlar
Yorum Gönder