Kayıtlar
Eylül, 2017 tarihine ait yayınlar gösteriliyor
21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس
- Bağlantıyı al
- X
- E-posta
- Diğer Uygulamalar
كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى كەئب (بۇ زات كەئب رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىچىدىن كەئبنى يېتىلەپ يۈرىدىغان بالىسى ئىدى) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن (يەنى ئاتامدىن) ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە تەبۇك غازىتىغا چىقمىغانلىقى ھەققىدىكى قىسسىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. كەئب مۇنداق دەيدۇ: مەن تەبۇك غازىتىدىن باشقا ھېچ بىر غازاتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە چىقماي قالغىنىم يوق. بىراق بەدرى غازىتىغا چىقمىغانلىقىمغا كەلسەك، بۇ غازاتقا چىقمىغان بىرەر ئادەممۇ ئەيىبلەنگەن ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدرى ئۇرۇشى ئۈچۈن مەدىنىدىن چىققاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەقسىتى قۇرەيش كارۋىنىنى توسۇش ئىدى. نەتىجىدە، الله مۇسۇلمانلار بىلەن دۈشمەنلەرنى كۆزلىمىگەن بىر جايدا ئۇچراشتۇرۇپ قويدى. بىز ئەقەبە كېچىسى ئىسلام دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئەھدە قىلىشقان ۋاقتىمىزدا، مەنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدىم. گەرچە خەلق ئارىسىدا بەدرى ئۇرۇشى مەشھۇر بو...