30. ئاللاھقا بولغان ئىمانىدىن يانماي خەندەكتىكى ئوتقا تاشلىنىشقا رازى بولغان مۇئمىنلەرنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىس
دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «سىلەردىن ئىلگىرى بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر
سېھىرگىرى بار ئىدى. ئۇ سېھىرگەر قېرىغاندا پادىشاھقا: مەن قېرىپ قالدىم. ماڭا بىر بالا
ئەۋەتسەڭ، مەن ئۇنىڭغا سېھىرگەرلىكنى ئۆگەتسەم،- دەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا بىر بالىنى
ئەۋەتىپتۇ. ئۇ بالا يولدا كېتىۋېتىپ، بىر راھىبقا ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ
سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قىزىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر كۈنى سېھىرگەرنىڭ قېشىغا
بارغىچە راھىبنىڭ قېىشىدا ئولتۇرىدىكەن. سېھىرگەرنىڭ قېشىغا كەلگەندە، سېھىرگەر ئۇنى
كېچىكىپ قالدىڭ دەپ ئۇرىدىكەن. ئۇ بالا بۇ ئىشنى راھىبقا شىكايەت قىپتۇ. راھىب ئۇنىڭغا:
ئەگەر سەن سېھىرگەردىن قورقساڭ، ئۇنىڭغا مېنى ئۆيدىكىلەر كېچىكتۈرۈپ قالدى دېگىن.
ئەگەر ئۆيۈڭدىكىلەردىن قورقساڭ: مېنى سېھىرگەر كېچىكتۈرۈپ قالدى دېگىن،- دەپتۇ.
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يوغان بىر ھايۋان تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ كىشىلەرنىڭ يولىنى
توسۇۋاپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە: راھىبنىڭ يولى توغرىمۇ ياكى سېھىرگەرنىڭ يولى توغرىمۇ، بۇنى بۈگۈن
بىلىمەن دەپتۇ ـ دە، تاشتىن بىرنى ئېلىپ: ئى الله! ئەگەر ساڭا راھىبنىڭ ئىشى سېھىرگەرنىڭ
ئىشىدىن ياخشى بولسا، مۇشۇ تاش بىلەن ھايۋاننى ئۆلتۈرگىن، كىشىلەر يولىغا ماڭسۇن،-
دەپ تاشنى ئېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھايۋان ئۆلۈپتۇ. كىشىلەر يولىغا راۋان بوپتۇ.
ئۇ بۇ ئىشتىن راھىبنى خەۋەرلەندۈرۈپتۇ. راھىب ئۇ بالىغا: ئى ئوغلۇم! سەن بۈگۈن
مەندىن ئېشىپ كېتىپسەن. سەن بۇ دەرىجىگە يېتىپسەن. سەن ھەقىقەتەن سىناققا دۇچ
كېلىسەن. ئەگەر سەن سىنالساڭ، مېنى ئاشكارىلاپ قويمىغىن،- دەپتۇ.
ئۇ بالا قارىغۇ، ئاق كېسەللەرنى ۋە باشقا كېسەللەرنىمۇ داۋالايدىغان بولۇپتۇ. بىر كۈنى
پادىشاھنىڭ قارىغۇ بولۇپ قالغان يېقىنلىرىدىن بىرى بۇنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن ھەدىيەلەر بىلەن
كېلىپ، ئۇنىڭغا: ئەگەر كۆزۈمنى ساقايتىپ قويساڭ، مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا
بېرىمەن،- دەپتۇ. ئۇ بالا: مەن ھەقىقەتەن ھېچبىر كىشىنى ساقايتالمايمەن، پەقەت الله
تائالالا ساقايتىدۇ، ئەگەر سەن الله غا ئىمان ئېيتساڭ، مەن الله غا دۇئا قىلاي، سېنى
ساقايتىپ قويسۇن،- دەپتۇ. ئۇ كىشى الله غا ئىمان ئېيتىپتۇ. الله ئۇنى ساقايتىپتۇ.
ئۇ كىشى پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ بۇرۇنقى ئورنىدا ئولتۇرۇپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا:
سېنىڭ كۆزۈڭنى كىم ساقايتىپ قويدى؟- دەپتۇ. ئۇ: رەببىم،- دەپتۇ. پادىشاھنىڭ (غەزىپى
كېلىپ): سېنىڭ مەندىن باشقا رەببىڭ بارمۇ؟- دەپتۇ. ئۇ: الله سېنىڭ ۋە مېنىڭ رەببىمدۇر،-
دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئۇنى قىيىن ـ قىستاققا ئالغاندا، ئۇ ئاخىرى بالىنى ئاشكارىلاپ
قويۇپتۇ. ئۇ بالا كەلتۈرۈلۈپتۇ.
پادىشاھ ئۇنىڭغا: ئي ئوغلۇم! سەن سېھىرگەرلىكتە قارىغۇ ۋە ئاق كېسەللەرنى داۋالاش
ۋە مۇنداق ـ مۇنداق ئىشلارنى قىلغۇدەك دەرىجىگە يېتىپسەن،- دەپتۇ. ئۇ بالا: ياق مەن
ھېچكىمنى ساقايتالمايمەن، پەقەت الله ساقايتىدۇ،- دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئۇنىمۇ قىيناپتۇ، ئاخىرى ئۇ بالا راھىبنى ئاشكارىلاپ قويۇپتۇ.
راھىب كەلتۈرۈلۈپتۇ. ئۇنىڭغا: دىنىڭدىن يان،- دەپتۇ. ئۇ ئۇنىماپتۇ. ئاندىن ھەرىدىن بىرنى
ئەپكىلىپ، ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ بېشىنى ھەرىدىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ
ئىككى پارچە بولۇپ يەرگە يىقىلىپتۇ.
ئاندىن پادىشاھنىڭ يېقىنىنى ئەكىلىپ ئۇنىڭغا: دىنىڭدىن يان،- دەپتۇ. ئۇمۇ
ئۇنىماپتۇ. ئۇنىڭمۇ بېشىنىڭ ئوتتۇرىغا ھەرىنى قويۇپ، بېشىنى ھەرىدەپتۇ. ئۇمۇ ئىككى پارچە
بولۇپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. ئاندىن ئۇ بالىنى ئەكىلىپ ئۇنىڭغا: دىنىڭدىن يان،- دەپتۇ.
ئۇمۇ ئۇنىماپتۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن بىر توپ كىشىگە تاپشۇرۇپ:
پالانى تاغقا چىقىڭلار، تاغنىڭ چوققىسىغا چىققاندا، ئەگەر ئۇ دىنىدىن يانسا مەيلى، ئەگەر
دىنىدىن يانمىسا، ئۇنى تاغدىن تاشلىۋېتىڭلار،- دەپتۇ. ئۇلار مېڭىپ ئېگىز بىر تاغقا چىقىپتۇ.
ئۇ بالا: ئى الله! سەن خالىغان يول بىلەن مېنى ساقلاپ قالغىن،- دەپتۇ. شۇ چاغدا تاغ
تىترەپ پادىشاھنىڭ ئادەملىرى تاغدىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ بالا پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
پادىشاھ ئۇنىڭغا: ھەمراھلىرىڭغا نېمە بولدى؟- دەپتۇ. ئۇ بالا: الله مېنى ئۇلاردىن ساقلاپ
قالدى،- دەپتۇ. پادىشاھ ئۇنى يەنە بىر توپ كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ: ئۇنى ئاپىرىپ كېمىگە
سېلىڭلار، كېمە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا بارغاندا ئەگەر ئۇ دىنىدىن يانسا مەيلى، يانمىسا ئۇنى
دېڭىزغا تاشلىۋېتىڭلار،- دەپتۇ. ئۇلار مېڭىپ دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، ئۇ بالا: ئى
الله! سەن خالىغان يول بىلەن مېنى ساقلاپ قالغىن،- دەپتۇ. شۇ چاغدا كېمە داۋالغۇپ
پادىشاھنىڭ ئادەملىرى سۇغا چۆكۈپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە پادىشاھنىڭ قېشىغا كەپتۇ. پادىشاھ
ئۇنىڭدىن: ھەمراھلىرىڭغا نېمە بولدى؟- دەپ سوراپتۇ. ئۇ بالا: الله مېنى ئۇلاردىن ساقلاپ
قالدى،- دەپتۇ ۋە پادىشاھقا: سەن تاكى مەن دېگەن ئىشنى قىلمىغىچە مېنى ھەرگىز
ئۆلتۈرەلمەيسەن،- دەپتۇ. پادىشاھ: ئۇ نېمە ئىش؟- دەپ سوراپتۇ. ئۇ بالا: سەن كىشىلەرنى
بىر دۆڭگە يىغىپ، مېنى خورمىنىڭ شېخىغا ئاسقىن، ئاندىن ئوقداندىن ئوقنى ئېلىپ،
ئوقيانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ: بالىنىڭ رەببى بولغان الله نىڭ نامى بىلەن باشلايمەن دەپ
تۇرۇپ (ئوقنى) ماڭا ئاتقىن، شۇنداق قىلغىنىڭدا مېنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈرەلەيسەن،- دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ كىشىلەرنى بىر دۆڭگە يىغىپتۇ. ئۇ بالىنى بىر خورما شېخىغا
ئېسىپتۇ. ئاندىن ئوقنى ئېلىپ ئوقيانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ: بالىنىڭ رەببى بولغان الله نىڭ
نامى بىلەن باشلايمەن دەپ ئۇنىڭغا ئېتىپتۇ. ئوق بالىنىڭ چېكىسىگە تېگىپتۇ. ئۇ قولى بىلەن
چېكىسىنى تۇتقىنىچە ئۆلۈپتۇ. كىشىلەر: بىز بالىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق،- دەپ
ۋاقىرىشىپتۇ. بىرسى پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ھەزەر قىلغان نەرسەڭنى كۆردۈڭمۇ؟
الله نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن قورققان نەرسە يۈز بەردى. ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەر
ئىمان ئېيتتى،- دەپتۇ.
ئاندىن پادىشاھ كوچا ئېغىزلىرىغا ئورەك كولاپ ئوت يېقىشقا بۇيرۇپتۇ. ئوت ئۇلغۇيۇشقا
باشلاپتۇ. پادىشاھ: كىم دىندىن يانمايدىكەن، ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار ياكى ئۇلارغا (ئوتقا)
چۈشۈڭلار دېيىلسۇن،- دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار شۇنداق قىلىپتۇ. ھەتتا بىر كىچىك بالىسى بار
بىر ئايال چېكىنگەندە، ئۇنىڭ بالىسى زۇۋانغا كېلىپ: ئى ئانا! سەۋر قىل. چۈنكى، سەن
ھەقنىڭ ئۈستىدەدۇرسەن» دەپتۇ. [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].
Yorumlar
Yorum Gönder