دوزاخقا كىرگەن «ياخشى» كىشى


پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«قىيامەت كۈنى بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچەيلىرى قورسىقىدىن ساڭگىلاپ قالغان بولىدۇ. ئۇ ئادەم خۇددى ئېشەك تۈگمەننى چۆرگىلىگەندەك ئىچى باغرىنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەپ تۇرىدۇ. دوزاخ ئەھلىلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ:«ئى پالانى! ساڭا نېمە بولدى؟ سەن ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توساتتىڭغۇ؟» دەيدۇ. ئۇ كىشى:« شۇنداق، مەن ياخشىلىققا بۇيرۇيتتۇميۇ، ئۆزۈم قىلمايتتىم ۋە يامانلىقتىن توسۇيتتۇميۇ، ئۆزۈم قىلاتتىم» دەيدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتابنى ئوقۇپ تۇرىسىلەر ، چۈشەنمەمسىلەر} (سۈرە بەقەرە 44-ئايەت)

Yorumlar

قىززىق تېما

ئىبنى ماجە 297؛ تىرمىزى 606؛ ئەھمەد شاكىر تىرمىزى ھاشىيەسىدە ھەسەن دېگەن؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇل جامىئۇسسەغىر› 3611 دە ‹سەھىھ› دېگەن

ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاددىي ساددىلىقى

ئىككى يۈز پارچە رەسىملىك سەھىھ ھەدىس

ھەدىس: كۆزۈڭلارنى ھارامدىن يۇمۇڭلار