سەجدىگە بارغاندا ئىككى تىز ئىككى قولدىن بۇرۇن يەرگە قويۇلىدۇ

سەجدىگە بارغاندا ئىككى تىز ئىككى قولدىن بۇرۇن يەرگە قويۇلىدۇ. ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەجدە قىلغاندا ئىككى تىزىنى ئىككى قولىدىن ئاۋۋال يەرگە قوياتتى.» [سنن الترمذي الصلاة (268) ، سنن النسائي التطبيق (1089) ، سنن أبو داود الصلاة (838) ، سنن ابن ماجه إقامة الصلاة والسنة فيها (882) ، سنن الدارمي الصلاة (1320)] ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەجدىگە بارغاندا ئىككى تىزىنى ئىككى قولىدىن بۇرۇن قويغىنى، سەجدىدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى ئىككى تىزىدىن بۇرۇن كۆتۈرگىنىنى كۆردۈم.»(ئەبۇ داۋۇد 838، نەسائىي 2\207؛ تىرمىزى 268)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەجدىگە بارسا ئىككى تىزىنى ئىككى قولىدىن بۇرۇن يەرگە قوياتتى.» (داراقۇتنىي 1\345؛ بەيھەقى 2\99؛ ھاكىم 1\226) ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن، مەن بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئاجىزلىق بايقىمىدىم. 
(پەتىۋا كومېتىتى 6\435)
 شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: نامازخان سەجدىگە بارىدىغاندا ئاۋۋال تىزىنى قويسۇن ياكى ئاۋۋال قولىنى قويسۇن ئىككىلا خىل ئەھۋالدا ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئەھلى ئىلىمنىڭ ئىجمائى بار. بىراق، ئەھلى ئىلىم قايسىنىڭ ئەۋزەللىكىدە ئىختىلاپلاشقان. (ئەلفەتاۋا 22-449)

Yorumlar

قىززىق تېما

دۇنيا مۆمىننىڭ تۈرمىسى