رەسۇلۇللاھنىڭ جەمەتىگە تەۋە كىشىلەر زاكات يېمەيدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«زاكات مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ نەسەبىدىن كەلگەنلەرگە ھالال ئەمەس. چۈنكى، زاكات ئىنسانلارنىڭ كىرىدۇر.»(مۇسلىم 1072)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سەدىقە (زاكات) بىزگە ھالال ئەمەس؛ شۈبىھسىزكى، بىر قەۋەمنىڭ ئازادگەردىلىرى ئۇلاردىن سانىلىدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد 1650؛ تىرمىزى 652؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى تىرمىزىنىڭ؛ ھاكىم 1-404؛ تىرمىزى ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن. ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن. زەھەبى ھاكىمنىڭ باھاسىغا قوشۇلغان. ئەلبانى ‹سەھىھ تىرمىزى› 530- دا سەھىھ دېگەن)

Yorumlar

قىززىق تېما

ئەبۇ داۋۇد 17؛ تىرمىزى 7؛ تىرمىزى ‹ھەسەن غەرىب› دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 4707-

ئىبنى ماجە 297؛ تىرمىزى 606؛ ئەھمەد شاكىر تىرمىزى ھاشىيەسىدە ھەسەن دېگەن؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇل جامىئۇسسەغىر› 3611 دە ‹سەھىھ› دېگەن