ئەبۇ داۋۇد 61: سۇنى ھېچنەرسە نىجىس قىلالمايدۇ


پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «إن الماء طهور لا ينجسه شيء»«شۈبھىسىزكى، سۇ پاكتۇر. ھېچنەرسە ئۇنى نىجىس قىلالمايدۇ.»(مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 3\15؛ ئەبۇ داۋۇد 61؛ نەسائى 277؛ تىرمىزى 66؛ تىرمىزى ‹ھەسەن› دېگەن. ئەلبانى ‹ئىرۋائۇل غەلىل› ناملىق ئەسىرى 1\45 تە ‹سەھىھ› دېگەن) بۇنىڭغا باشقا دەلىل شۇكى: ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(إذا بلغ الماء قلتين لم يحمل الخبث)«سۇنىڭ مىقدارى ئىككى قۇللە بولسا، پاسكىنا بولمايدۇ.»(مۇسنەد ئەھمەد 2\27؛ ئەبۇ داۋۇد 64؛ تىرمىزى 67؛ نەسائى 52؛ ئىبنى ماجە 517؛ ئەلبانى ‹ئىرۋائۇل غەلىل› دە ‹سەھىھ› دېگەن)

Yorumlar

قىززىق تېما

ئىبنى ماجە 297؛ تىرمىزى 606؛ ئەھمەد شاكىر تىرمىزى ھاشىيەسىدە ھەسەن دېگەن؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇل جامىئۇسسەغىر› 3611 دە ‹سەھىھ› دېگەن

ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاددىي ساددىلىقى

ئىككى يۈز پارچە رەسىملىك سەھىھ ھەدىس

ھەدىس: كۆزۈڭلارنى ھارامدىن يۇمۇڭلار