تىلىغا ھېزى بولۇش، يامان سۆزلەردىن ساقلىنىش توغرىسدىىكى ھەدىسلەر

وعن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال‏:‏ «من كان يؤمن بالله واليوم الآخر، فليقل خيرًا، أو ليصمت.» ‏(‏‏(‏متفق عليه‏)‏‏)‏‏.‏
 [1511] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتسا ياخشى سۆز قىلسۇن، بولمىسا جىم تۇرسۇن.» (بۇخارى 5994؛ مۇسلىم 67؛ رىيازۇس سالىھىن 1511)
وعن سفيان بن عبد الله رضي الله عنه قال‏:‏ قلت يا رسول الله حدثني بأمر أعتصم به قال‏:‏«قل ربي الله ثم استقم‏» قلت‏:‏ يا رسول الله ما أخوف ما تخاف علي‏؟‏ فأخذ بلسان نفسه، ثم قال‏:‏ «هذا»‏.‏ رواه الترمذي وقال حديث حسن صحيح‏.‏
[1517] سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا مەھكەم ئېسىلىشىم كېرەك بولغان بىر ئىشنى دەپ بەرگەن بولسىلا» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «رەببىم ئاللاھتۇر دېگىن. ئاندىن توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغىن» دېدى. مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، مەن ئۈچۈن ھەممىدىن بەك قورقىدىغانلىرى قايسى» دەپ سورىۋىدىم، تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «مانا بۇ» دېدى. (مۇسنەد ئەھمەد 3\413؛ تىرمىزى 2334؛ ئىبنى ماجە؛ ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ ھەسەن سەھىھ دېگەن دەپ قەيت قىلغان؛ رىيازۇس سالىھىن 1517-نومۇرلۇق ھەدىس)
وعن أبي موسى رضي الله عنه قال‏:‏ قلت‏:‏ يا رسول الله أي المسلمين أفضل‏؟‏ قال‏:‏ ‏ "‏من سلم المسلمون من لسانه ويده‏"‏‏.‏ ‏(‏‏(‏متفق عليه‏)‏‏)‏‏.
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قايسى مۇسۇلمان ئەڭ ئۈستۈن؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلىدىن ۋە قولىدىن سالامەت قالغان مۇسۇلمان (ئەڭ ئۈستۈن)» دېدى.(بۇخارى 10؛ مۇسلىم 57؛ رىيازۇس سالىھىن 1512)
وعن سهل بن سعد قال‏:‏ قال رسول الله صلى الله عليه وسلم‏:‏ ‏ "‏من يضمن لي ما بين لحييه، وما بين رجليه أضمن له الجنة‏"‏ ‏(‏‏(‏متفق عليه‏)‏‏)‏‏.‏
[1513] سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ماڭا ئىككى ئېڭىكى ئارىسىدىكى (يەنى تىلى) بىلەن ئىككى پاچىقى ئارىسىدىكى (جىنسىي ئەزاسىنى) ساقلاشقا ۋەدە بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى ۋەدە بېرىمەن.» (بۇخارى 5993؛ رىيازۇس سالىھىن 1514)

مۇناسىۋەتلىك تېما:
غەيۋەت توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ۋە شەرھى

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر