ئاياللارنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇشى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
ئاياللارنىڭ
ئۆيىدە ئولتۇرۇشى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر، ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا شەيتان
ئۇنى كۈتۈۋالىدۇ.» (تىرمىزى 1173؛ ئىبنى خۇزەيمە 3-93؛ ئىبنى ھىببان 2-412؛ تەبرانى
‹ئەلكەبىر› 10115؛ تەبرانى ‹ئەلئەۋسەت› 8096؛ بەززار؛ ئىبنى ئەدىي ‹ئەل كامىل›
3-423؛ سۇيۇتى‹جامىئۇسسەغىر› دە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«ئاياللارنىڭ مەسجىدلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆيىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدۇر.»(سەھىھۇل
جامىئ 3327)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاياللىرىڭلارنى مەسجىدكە بېرىشتىن توسماڭلار،
ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئۆيى (ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن) ئەڭ ياخشىدۇر.»(سۇنەن ئەبۇ داۋۇد –
ئاياللارنىڭ مەسجىدكە چىقىشى بابى؛ سەھىھۇل جامئى 7458)
ئەبۇ ھۇمەيد
ئەسسەئدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ئۇممۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھقا
بېرىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:
«ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن سىلى بىلەن ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن.» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جاۋابەن
مۇنداق دېگەن: «مەن سىزنىڭ مەن بىلەن ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى
بىلىمەن. بىراق، نامىزىڭىزنى ئۆيىڭىزدە ئوقۇشۇڭىز ھويلىڭىزدا ئوقۇغىنىڭىزدىن ئەۋزەلدۇر.
نامازنى ھويلىڭىزدا ئوقۇڭىشىڭىز ئۇنى قەۋمىڭىزنىڭ مەسجىدىدە ئوقۇغىنىڭىزدىن ئەۋزەلدۇر.
نامازنى قەۋمىڭىزنىڭ مەسجىدىدە ئوقۇشىڭىز ئۇنى مېنىڭ مەسجىدىمدە ئوقۇشڭىزدىن ئەۋزەلدۇر.»
شۇنىڭ بىلەن، ئۇممۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆز ئۆيىنىڭ ئەڭ ئىچكىرى ۋە قاراڭغۇ
يېرىگە ئۆزى ئۈچۈن بىر نامازگاھ قىلىنىشىنى بۇيرۇغان. شۇنداقلا، تاكى ئاللاھقا ئۇچراشقانغا
قەدەر ھەر قاچان ھۇجرىسىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاشۇ قاراڭغۇ جايدا ناماز ئوقۇغان.
(ئىمام ئەھمەد توپلىغان ھەدىس)
Yorumlar
Yorum Gönder