بەش ۋاقت نامازنىڭ مۇھىملىقى ۋە پەزىلىتى بايان قىلىنغان ھەدىسلەر
بەش
ۋاقت نامازنىڭ مۇھىملىقى بايان قىلىنغان ھەدىسلەر
كما روى أبو داود (425) عن عُبَادَة
بْن الصَّامِتِ رضي الله عنه قال : أَشْهَدُ أَنِّي سَمِعْتُ رَسُولَ
اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ
: ( خَمْسُ صَلَوَاتٍ افْتَرَضَهُنَّ اللَّهُ تَعَالَى ، مَنْ أَحْسَنَ وُضُوءَهُنَّ
وَصَلَّاهُنَّ لِوَقْتِهِنَّ وَأَتَمَّ رُكُوعَهُنَّ وَخُشُوعَهُنَّ كَانَ
لَهُ عَلَى اللَّهِ عَهْدٌ أَنْ يَغْفِرَ لَهُ ، وَمَنْ لَمْ يَفْعَلْ فَلَيْسَ
لَهُ عَلَى اللَّهِ عَهْدٌ ، إِنْ شَاءَ غَفَرَ لَهُ وَإِنْ شَاءَ عَذَّبَهُ
) صححه الألباني في "صحيح أبي داود"
ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغانلىقىمغا گۇۋاھلىق بېرىمەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام
مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلدى. تاھارەتنى كامىل-تولۇق
ئىلىپ، نامازنى تەئدىل ئەركان ۋە خۇشۇئلىرى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلغان
كىشىنىئاللاھ تائالا كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. نامازنى يۇقىرىدا بايان
قىلىنغاندەك ۋە ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلمىغان كىشى ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى ۋەدىسىگە
نائىل بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى خالىسا ئەپۇ قىلىدۇ، خالىسا جازالايدۇ. [ئەبۇ
داۋۇد رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر
توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: نۇئمان ئىبنى قەفۋەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن پەرز نامازلارنى ئوقۇسام، ھارامنى ھارام دەپ بىلسەم، ھالالنى ھالال دەپ بىلسەم جەننەتكە كىرەمدىم؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «شۇنداق» دېدى. (مۇسلىم 15)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئادەم بالىسى سەجدە ئايىتى ئوقۇپ سەجدە قىلسا، شەيتان يىغلىغىنىچە ئۆزىنى بىر چەتكە ئېلىپ نالە قىلىپ دەيدۇ: ۋاي ئىسىت ماڭا! ئادەم بالىسى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى. ئۇنىڭغا جەننەت بار. مەنمۇ سەجدىگە بۇيرۇلغانتىم باش تارتتىم، شۇڭا ماڭا دوزاخ بار.» ("سەھىھۇل مۇسلىم" 81-ھەدىس.)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(مۇسۇلمان) كىشى بىلەن شىرىك ۋە كۇفۇر ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك ئېتىشتۇر.» (مۇسلىم 82)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئەھلى دوزاخ ئىچىدىن خالىغانلارغا رەھمەت قىلماقچى بولسا پەرىشتىلەرنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلارنى دوزاختىن ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلاردىكى سەجدە ئىزلىرىدىن تونۇپ، ئۇلارنى دوزاختىن ئېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى ئاللاھ دوزاخقا سەجدىنىڭ ئادەم بالىسىدىكى ئىزىنى كۆيدۈرۈشىنى ھارام قىلىۋەتكەن.» (سەھىھەين: "بۇخارى" 806-ھەدىس. "مۇسلىم" 182-ھەدىس.)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن شەيتان ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. بىراق شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا ئورۇنىدۇ.»(مۇسلىم 5030)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إني نهيت عن قتل المصلين))«مەن ناماز ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلەندىم.»(ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئەبۇ داۋۇد 4928؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 2506)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەمەللەرنىڭ
ئەڭ ئەۋزىلى ۋاقتىدا ئوقۇلغان نامازدۇر ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر.»(ئەلبانى
سەھىھۇل جامىئ 1123-ھەدىس)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن شەيتان ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. بىراق شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا ئورۇنىدۇ.»(مۇسلىم 5030)
ئىمام بۇخارى
ۋە مۇسلىم ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق
دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:«ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر بىرىڭلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا
سۈيى لىق ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭ بولسا، ئۇ ئادەم ھەركۈنى بەش قېتىم ئۆستەڭدە يۇيۇنسا،
ئۇنىڭ بەدىنىدە كىردىن ئەسەر قالامدۇ؟» دەپ سورىدى. ساھابىلەر: «كىر قالمايدۇ، ئى
ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋامەن مۇنداق دېدى: «بەش ۋاخ
نامازمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ئاللاھ تائالا شۇ (بەش ۋاخ) نامازلار بىلەن گۇناھلارنى ۋە
خاتالىقلارنى يوققا چىقىرىدۇ.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إني نهيت عن قتل المصلين))«مەن ناماز ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلەندىم.»(ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئەبۇ داۋۇد 4928؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 2506)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشى چوڭ گۇناھلارنى قىلمىغانلا
بولسا، بەش ۋاخ ناماز ۋە جۈمە نامىزى بىر جۈمەدىن يەنە بىر جۈمەگىچە، رامزان
كېيىنكى يىللىق رامزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ.» (مۇسلىم؛
رىيازسۇ سالىھىن 130)
ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم «مەن سىلەرگە ئاللاھ خاتالىقىڭلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغان، دەرىجەڭلارنى
كۆتۈرىدىغان بىر ئىشتىن خەۋەر بېرەيمۇ؟» دېۋىدى، ساھابىلەر «شۇنداق قىلسىلا، ئى
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېدى:«ئېغىرچىلىقلاردىن قەتئىينەزەر تاھارەتنى كامىل ئېلىش، مەسجىدكە كۆپ بېرىش ۋە
بىر نامازدىن كېيىن يەنە بىر نامازنى ساقلاش. مانا بۇلار رىباتتا تۇرۇشقا
ئوخشاشتۇر.»(مۇسلىم 251؛ رىيازۇس سالىھىن 131)
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىدىن ئىبارەت) ئى سالقىن نامازنى ئوقۇغۇغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇر.»(بۇخارى 574؛ مۇسلىم 635؛ رىيازۇس سالىھىن 132)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىلگىنكى، ئەگەر سەن ئاللاھ ئۈچۈن بىر سەجدە قىلساڭ، ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ سېنىڭ دەرىجەڭنى بىر دەرىجە كۆتۈرىدۇ ۋە خاتالىقىڭنى يۇيۇۋېتىدۇ.»(ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ؛ ئەسسەھىھە 1488)
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر بىر قەدەم ئۈچۈن، بىر دەرىجە (يۈكسىلىش) باردۇر.»(بۇخارى 655 تە بۇنىڭغا ئوخشاش مەنادىكى ھەدىسنى ئەنەستىن رىۋايەت قىلغان)

جابىر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بەنى سەلەمە قەبىلىسى مەسجىدكە
قېيىنراق جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولدى. بۇ خەۋەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمگە يەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارغا «سىلەرنىڭ
مەسجىدكە يېقىن يەرگە كۆچۈپ كەلمەكچى بولغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم، راست شۇنداق
قىلماقچى بولدۇڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار:«شۇنداق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز شۇنداق
قىلماقچى بولدۇق» دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئى
سەلەمەنىڭ ئەۋلادلىرى! ماكانىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلار. باسقان قەدىمىڭلارنىڭ ساۋابى
يېزىلىۋېرىدۇ. ماكانىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلار! باسقان قەدەملىرىڭلارنىڭ ساۋابى
يېزىلىۋېرىدۇ.»(مۇسلىم 664، 665؛ رىيازۇس سالىھىن 136)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىلگىنكى، ئەگەر سەن ئاللاھ ئۈچۈن بىر سەجدە قىلساڭ، ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ سېنىڭ دەرىجەڭنى بىر دەرىجە كۆتۈرىدۇ ۋە خاتالىقىڭنى يۇيۇۋېتىدۇ.»(ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ؛ ئەسسەھىھە 1488)
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر بىر قەدەم ئۈچۈن، بىر دەرىجە (يۈكسىلىش) باردۇر.»(بۇخارى 655 تە بۇنىڭغا ئوخشاش مەنادىكى ھەدىسنى ئەنەستىن رىۋايەت قىلغان)
Yorumlar
Yorum Gönder