مېنىڭ ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ كىشى ھېسابسىز جەننەتكە كېرىدۇ، ئۇلار ئايىتى-شىپا ئوقۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، قۇشلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە سايرىشىدىن شۇم پال ئالمايدۇ، ئۆز پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلغۇچىدۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى 6472-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 218

ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ كىشى ھېسابسىز جەننەتكە كېرىدۇ، ئۇلار ئايىتى-شىپا ئوقۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، قۇشلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە سايرىشىدىن شۇم پال ئالمايدۇ، ئۆز پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلغۇچىدۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى 6472-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 218-ھەدىس.
( يَدْخُلُ الْجَنَّةَ مِنْ أُمَّتِي سَبْعُونَ أَلْفًا بِغَيْرِ حِسَابٍ هُمْ الَّذِينَ لَا يَسْتَرْقُونَ وَلَا يَتَطَيَّرُونَ وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ ) البخاري (6472) ومسلم (218) ففيه استحباب ترك الاسترقاء أي طلب الرقية من الغير ، وليس فيه تعرض لحكم التداوي بالأدوية النافعة .

 بۇ ھەدىستە باشقىلاردىن رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشنى تەرك قىلىشنىڭ مۇستەھەب ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ مەنپەئەتلىك دورىلار بىلەن داۋالىنىشنىڭ ھۆكمىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئىپادىلەنمەيدۇ.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: داۋالىنىش ئۈچۈن دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: داۋالانماڭلار دېمىدى بەلكى: «ئوت بىلەن داغلانماڭلار، رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلماڭلار» دېدى، ئەمما ئىنساننىڭ قەلبى دوختۇرغا باغلىنىپ قالسا، كېسەللىكتىن شىپا تېپىشى ياكى شىپا تاپماسلىقى دوختۇرغا ئالاقىدار بولۇپ قالسا، بۇ ئاللاھقا بولغان تايىنىشنى كىمەيتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان دوختۇرغا بارغاندا، ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغان تايىنىشىنىڭ كېمىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ سەۋەپ قىلىشنىڭ يولى، ھەقىقى سەۋەپنىڭ ئىگىسى-شىپالىق بەرگۈچى يالغۇز بىر ئاللاھ دەپ ئېتىقاد قىلىشى كېرەك. ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى"3-توم 213-بەت].

Yorumlar

قىززىق تېما

ھەدىس: سۈرە ت سىزىدىغانلار قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدۇ

ھەدىس: نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس

دۇنيا مۆمىننىڭ تۈرمىسى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

«ھالاك قىلغۇچى يەتتە خىل گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېدى. ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلار قايسى گۇناھلاردۇر؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«(ئۇلار) ئاللاھقا شېرىك قوشۇش، سېھىرگەرلىك (داخانلىق، باخشىملىق، ئىسسىتقۇ-سويۇتقۇ) قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ھەقسىز ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش؛ ئىپپەتلىك، مۆمىنە ئاياللارغا زىنا بىلەن بۆھتان چاپلاش.»(بۇخارى 2560؛ مۇسلىم 129