ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر بىرىڭلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا سۈيى لىق ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭ بولسا

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:

    «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر بىرىڭلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا سۈيى لىق ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭ بولسا، ئۇ ئادەم ھەركۈنى بەش قېتىم ئۆستەڭدە يۇيۇنسا، ئۇنىڭ بەدىنىدە كىردىن ئەسەر قالامدۇ؟» دەپ سورىدى. ساھابىلەر: «كىر قالمايدۇ، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋامەن مۇنداق دېدى: «بەش ۋاخ نامازمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ئاللاھ تائالا شۇ (بەش ۋاخ) نامازلار بىلەن گۇناھلارنى ۋە خاتالىقلارنى يوققا چىقىرىدۇ.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)

Yorumlar

قىززىق تېما

دوزاخقا كىرگەن «ياخشى» كىشى

ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاددىي ساددىلىقى

ھەدىس: كۆزۈڭلارنى ھارامدىن يۇمۇڭلار