گۇناھ توغرىسىدىكى ھەدىسلەر


gunah hedisliri
گۇناھ توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

(ھەدىسلەر كۈنسېرى موللىشىپ ماڭىدۇ)


ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشى چوڭ گۇناھلارنى قىلمىغانلا بولسا، بەش ۋاخ ناماز ۋە جۈمە نامىزى بىر جۈمەدىن يەنە بىر جۈمەگىچە، رامزان كېيىنكى يىللىق رامزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ.» (مۇسلىم؛ رىيازسۇ سالىھىن 130)


مۇسنەد ئەھمەدتە سەۋباننىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:ئىنسان گۇناھ-مەسىيەت سەۋەبىدىن رىزىقتىن مەھرۇم قالىدۇ. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 4022-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن]. ((عن ثوبان قال : قال رسول الله صلى الله عليه وعلى آله وسلم : " إن الرجل ليُحرم الرزق بالذنب يُصيبه " رواه ابن ماجه (4022) وحسنه الألباني في صحيح ابن ماجه .))

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا ئېلان قىلغانلىرىدىن باشقا ھەممىسىنىڭ خاتالىقى ئەپۇ قىلىنىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا ئېلان قىلغۇچىلار بولسا: ئاللاھ تائالا كېچىدە قىلغان خاتالىقلىرىنى يوشۇرسا، كۈندۈزدە ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كىشىلەرگە ئاشكارا قىلىپ: ئى پالانى! مەن كېچىدە مۇنداق-مۇنداق ئىش قىلدىم دەيدۇ، ئاللاھ ئۇنى كېچىدە يوشۇرسا ئۇ كىشىنى ئۆزىنى رەسۋا قىلىدۇ.. [بۇخارى رىۋايىتى 5949-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2744-ھەدىس]. ((قال النبي صلى الله عليه وسلم : " كلُّ أمتي معافى إلا المجاهرون ، وإنَّ من المجاهرة : أن يستر الله العبد ثم يُصبح يفضح نفسه ويقول : يا فلان عملت يوم كذا .. كذا وكذا ، فيهتك نفسه وقد بات يستره ربه " رواه البخاري (5949) ومسلم (2744) .))

ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم قۇلى گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن تۇرۇقلۇق ئۇنى جازالاش نىيىتىدە ئۇرسا ياكى ئۇنى شاپىلاقلىسا، قىلغان بۇ (يامان) ئىشىنىڭ كاففارىتى ئۇ قۇلىنى ئازاد قىلىۋېتىشتۇر.»(مۇسلىم 3131؛ رىيازۇس سالىھىن 1606)


ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھالاك قىلغۇچى يەتتە خىل گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېدى. ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلار قايسى گۇناھلاردۇر؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«(ئۇلار) ئاللاھقا شېرىك قوشۇش، سېھىرگەرلىك (داخانلىق، باخشىملىق، ئىسسىتقۇ-سويۇتقۇ) قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ھەقسىز ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش؛ ئىپپەتلىك، مۆمىنە ئاياللارغا زىنا بىلەن بۆھتان چاپلاش.»(بۇخارى 2560؛ مۇسلىم 129)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (اللهم اغسلني من خطاياي بالماء والثلج والبرد)«ئى ئاللاھ، مېنى گۇناھلىرىمدىن سۇ، قار ۋە مۆلدۈر ئارقىلىق يۇيۇپ پاكلىغىن» (بۇخارى 744؛ مۇسلىم 598)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر