ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلار بايان قىلىنغان ھەدىسلەر




بۇخارىي( 547) ، مۇسلىم(1367) نەقىل قىلدىكى ، ئىبنۇ ئەبباس مۇنداق دىگەن : " بەزى ئىشەنچىلىك كىشىلەر مىنىڭ قېشىمدا گۇۋاھلىق بەردىكى ، مىنىڭ قارىشىمدا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىشەنچىلىكى بولسا ئۇمەر ئىدى ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن .) بامداتتىن كىيىن كۈن چىققۇچە ، ئەسىردىن كىيىن كۇن ئولتۇرغۇچە ناماز ئوقۇشتىن چەكلىدى . " رواه البخاري (547) ومسلم (1367) عَنْ ابْنِ عَبَّاسٍ قَال : ( شَهِدَ عِنْدِي رِجَالٌ مَرْضِيُّونَ وَأَرْضَاهُمْ عِنْدِي عُمَرُ أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نَهَى عَنْ الصَّلاةِ بَعْدَ الصُّبْحِ حَتَّى تَشْرُقَ الشَّمْسُ وَبَعْدَ الْعَصْرِ حَتَّى تَغْرُبَ ) .
بۇخارىي( 548) ، مۇسلىم ( 1371) نەقىل قىلدىكى ، ئىبنۇ ئۇمەر مۇنداق دىگەن : " ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن .) مۇنداق دىگەن :  «قۇياشنىڭ ئۈستۈنكى قېشى كۆرۈنگەندە ، ئۇ تاكى ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگىچە ناماز ئوقۇشنى كەينىگە سۈرۈڭلار . ھەمدە قۇياشنىڭ ئاستىنقى قېشى يوقالغاندا ، ئۇ تاكى تولۇق ئولتۇرغىچە ناماز ئوقۇشنى كەينىگە سۈرۈڭلار.» روى البخاري (548) ومسلم (1371) عن ابْنُ عُمَرَ قَالَ : قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: ( إِذَا طَلَعَ حَاجِبُ الشَّمْسِ فَأَخِّرُوا الصَّلاةَ حَتَّى تَرْتَفِعَ وَإِذَا غَابَ حَاجِبُ الشَّمْسِ فَأَخِّرُوا الصَّلاةَ حَتَّى تَغِيبَ )

بۇخارىي( 551) نەقىل قىلدىكى ، ئەبۇ سەئېيىد خۇدرىي مۇنداق دىگەن : «مەن ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن .)مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم :  بامداتتىن كىيىن كۈن تولۇق كۆتۈرۈلگىچە ناماز يوق ، ھەمدە ئەسىردىن كىيىن كۈن ئولتۇرغۇچە ناماز يوق.» وروى البخاري (551) عن أبي سَعِيدٍ الْخُدْرِيَّ يَقُولُ سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ : ( لا صَلاةَ بَعْدَ الصُّبْحِ حَتَّى تَرْتَفِعَ الشَّمْسُ وَلا صَلاةَ بَعْدَ الْعَصْرِ حَتَّى تَغِيبَ الشَّمْسُ )

مۇسلىم ( 1373) نەقىل قىلدىكى ، ئۇقبە بىن ئامىر جۇھەنىي مۇنداق دىگەن :« ئۈچ ۋاقىت بار ، ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن .) بىزنى ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇش ۋە مىيىتلىرىمىزنى دەپنە قىلىشتىن توسۇغان : قۇياش ئىنىق كۆتۈرلۈشكە باشلاپ ، تاكى ئۇ تولۇق كۆتۈرلۈپ بولغىچە ، چۈشتە قۇياش تىكلىشىپ ، ئاسماننىڭ يۇقۇرى نۇقتىسىدىن ئۆتكىچە ، قۇياش ئولتۇرۇشقا باشلاپ ، تاكى ئۇ تولۇق ئولتۇرۇپ بولغىچە.» وروى مسلم (1373) عن عُقْبَةَ بْنَ عَامِرٍ الْجُهَنِيَّ يَقُولُ : ( ثَلاثُ سَاعَاتٍ كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَنْهَانَا أَنْ نُصَلِّيَ فِيهِنَّ أَوْ أَنْ نَقْبُرَ فِيهِنَّ مَوْتَانَا : حِينَ تَطْلُعُ الشَّمْسُ بَازِغَةً حَتَّى تَرْتَفِعَ وَحِينَ يَقُومُ قَائِمُ الظَّهِيرَةِ حَتَّى تَمِيلَ الشَّمْسُ وَحِينَ تَضَيَّفُ الشَّمْسُ لِلْغُرُوبِ حَتَّى تَغْرُبَ ).

Yorumlar