مۇسلىم 754 : ۋىتىر نامىزى Bağlantıyı al Facebook X Pinterest E-posta Diğer Uygulamalar - Ağustos 28, 2019 ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ۋىتىر نامىزى ئوقۇڭلار. [مۇسلىم رىۋايىتى754-ھەدىس]. Bağlantıyı al Facebook X Pinterest E-posta Diğer Uygulamalar Yorumlar
ھەدىس: نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس - Ocak 22, 2018 پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس.» ھەدىسنىڭ ئەرەپچىسى: { لا صلاة لمن لم يقرأ بفاتحة الكتاب } (بۇخارى 756؛ مۇسلىم 394؛ تىرمىزى 247؛ نەسائىي 911؛ ئەبۇ داۋۇد 822؛ ئىبنى ماجە 837؛ ئەھمەد؛5\336؛ دارىمىي 1242) داۋامى »
ھەدىس: سۈرە ت سىزىدىغانلار قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدۇ - Ocak 22, 2018 ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلار سۈرەت سىزىدىغانلاردۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. (بۇخارى 5950) داۋامى »
«ھالاك قىلغۇچى يەتتە خىل گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېدى. ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلار قايسى گۇناھلاردۇر؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«(ئۇلار) ئاللاھقا شېرىك قوشۇش، سېھىرگەرلىك (داخانلىق، باخشىملىق، ئىسسىتقۇ-سويۇتقۇ) قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ھەقسىز ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش؛ ئىپپەتلىك، مۆمىنە ئاياللارغا زىنا بىلەن بۆھتان چاپلاش.»(بۇخارى 2560؛ مۇسلىم 129 - Ocak 28, 2019 داۋامى »
سەھىھ ھەدىس: لەنەتكە قالىدىغان ئۈچ ئىشتىن يىراق تۇرۇڭلار: (ئۇلار) (كىشىلەر پايدىلىنىدىغان) سۇنىڭ بويىغا، يولغا ۋە سايىگە تەرەت قىلىشتۇر - Ağustos 28, 2019 داۋامى »
تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر - Ocak 23, 2018 تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر كۆپلىگەن قېرىنداشلارنىڭ ناماز ئۈچۈن تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا بارماقلىرىنى رەسۇلۇللاھتەك ھەرىكەتلەندۈرمەستىن يوتىسىغا چاپلاپ ئولتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بايقىدىم. رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەر-بىر مۇسۇلماننىڭ سەھىھ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشى، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشى پەرز. نامىزىنى رەسۇلۇللاھتەك ئوقۇشى ھەم ئوخشاشلا پەرز. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ «نامازنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار»(بۇخارى) دەپ بۇيرۇغان. شۇڭا، بۇ ھەقتىكى بىر نەچچە سەھىھ ھەدىسلەرنى تەييارلاپ قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرسا، ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىغا قويۇپ، ھەممە بارمىقىنى يۇمۇپ، باش بارمىقىنىڭ يېنىدىكى (كۆرسەتكۈچ) بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلاتتى . سول قولىنى سول يوتىسىغا قوياتتى. (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇسلىم،508) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا، سول قولىنى سول يوتىسىغا (ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىغا) قوياتتى ۋە ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى مىدىرلىتىپ ئىشارە قىلاتتى... داۋامى »
Yorumlar
Yorum Gönder