خۇش خەۋەر، مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورىمىز قۇرۇلدى Bağlantıyı al Facebook X Pinterest E-posta Diğer Uygulamalar - Haziran 19, 2020 مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورىمىز قۇرۇلدى، بارچە ماقالە، پاتىۋالارنى يېڭى تور بېتىمىزدىن ئىزدەڭ ۋە تارقىتىپ قويۇڭ:mujtehid.com Bağlantıyı al Facebook X Pinterest E-posta Diğer Uygulamalar Yorumlar
دوزاخقا كىرگەن «ياخشى» كىشى - Nisan 19, 2017 پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، دوزاخقا تاشلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۈچەيلىرى قورسىقىدىن ساڭگىلاپ قالغان بولىدۇ. ئۇ ئادەم خۇددى ئېشەك تۈگمەننى چۆرگىلىگەندەك ئىچى باغرىنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەپ تۇرىدۇ. دوزاخ ئەھلىلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ:«ئى پالانى! ساڭا نېمە بولدى؟ سەن ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توساتتىڭغۇ؟» دەيدۇ. ئۇ كىشى:« شۇنداق، مەن ياخشىلىققا بۇيرۇيتتۇميۇ، ئۆزۈم قىلمايتتىم ۋە يامانلىقتىن توسۇيتتۇميۇ، ئۆزۈم قىلاتتىم» دەيدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم] ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتابنى ئوقۇپ تۇرىسىلەر ، چۈشەنمەمسىلەر} (سۈرە بەقەرە 44-ئايەت) داۋامى »
بۇخارى 1422؛ رىيازۇس سالىھىن 5: ئى يەزىد! ساڭا قىلغان نىيىتىڭ ئۈچۈن ساۋاب بېرىلىدۇ. ئى مەئىن! سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى - Ocak 25, 2019 داۋامى »
ئىبنى ماجە 2043: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۇممىتىمنىڭ خاتالاشقان، ئۇنتۇپ قالغان ۋە مەجبۇرلانغان ئىشلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى - Ocak 26, 2019 داۋامى »
ئىماننىڭ ئالامىتى ئەنسارىلارنى (دىنغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى) ياخشى كۆرۈشتۇر، مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى ئەنسارىلارنى يامان كۆرۈشتۇر (بۇخارى 17) - Aralık 26, 2018 داۋامى »
ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاددىي ساددىلىقى - Ocak 23, 2018 ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئەيمەن مۇنداق دەيدۇ: دادام ماڭا شۇنداق دېدى : ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (ئانىمىزنىڭ) يېنىغا كىردىم. ئۇچىسىدا بەش دىرھەم قىممىتىدىكى، قېلىن كۆڭلەك بار ئىدى. ماڭا «بېشىڭنى كۆتۈرۈپ خىزمەتكارىمغا قارا. ئۇ بۇ كىيىمىنى (ئاددىي چاغلاپ) ئۆيدە كىيىشتىن نومۇس قىلىدۇ . ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ھايات چاغدا مېنىڭ مۇشۇنىڭدەك كۆڭلىكىم بار ئىدى. مەدىنىدە (توي ئۈچۈن) زىننەتلەنگەن ھەممە ئاياللار بۇ كۆڭلۈكىمنى ئارىيەت ئېلىش ئۈچۈن خەۋەر ئەۋەتەتتى.» (سەھىھۇل بۇخارى2628-نومۇرلۇق ھەدىس) ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي رەھىمەھۇللاھ «فەتھۇل بارى» دا بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن : ئىمام ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ سۆزى ئارقىلىق دېمەكچى بولغىنى مۇنداق: مۇسۇلمانلار دەسلەپكى چاغلاردا قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىدى. كېيىنكى دەۋىردىكى مۇسۇلمانلار ئەرزىمەس ھېسابلىغان نەرسىلەر دەسلەپكى چاغلاردا تولىمۇ قىممەتلىك ھېسابلىناتتى . بۇ ھەدىستىن يەنە ئائىشە ئانىمىزنىڭ خىزمەتچىلىرىگە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىدىغانل... داۋامى »
ھەدىس: كۆزۈڭلارنى ھارامدىن يۇمۇڭلار - Aralık 30, 2017 ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر ماڭا ئالتە ئىشقا كاپالەت بېرىڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭلارغا كېپىل بولاي. سۆزلىسەڭلار راست سۆزلەڭلار؛ ۋەدە قىلساڭلار ۋەدەڭلەرگە ۋاپا قىلىڭلار؛ سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتكە خىيانەت قىلماستىن ئادا قىلىڭلار؛ ئەۋرىتىڭلارنى ھارامدىن ساقلاڭلار؛ كۆزۈڭلارنى ھارامدىن يۇمۇڭلار؛ قولۇڭلارنى يامانلىقتىن تارتىڭلار.» (ئەلبانى: سەھىھۇل جامىئ 1018-نومۇرلۇق ھەدىس) داۋامى »
Yorumlar
Yorum Gönder