Kayıtlar

Ocak, 2018 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

رەسۇلۇللاھنىڭ شاپائىتىگە نائىل بولغۇچى كىم

ئاللاھ بەندىسىنى مۇنداق ئەھۋالدا ياخشى كۆرىدۇ

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئاللاھ تەئالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ئۇلۇغ ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن: كىمىكى مېنىڭ دوستۇمنى دۈشمەن تۇتىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىمەن. بەندەم مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان  پەرز ئەمەل بىلەن يېقىنلىشالايدۇ. بەندەم مەن ياخشى كۆرگەنگە قەدەر  نەپلە ئەمەللەر بىلەن ماڭا  داۋاملىق يېقىنلىشىدۇ. ئەگەر، بەندەم نەپلە ئەمەل قىلىپ مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە ئېرىشسە، مەن بەندەمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ بېرىمەن. ئەگەر مەندىن نەرسە سورىسا، چوقۇم بېرىمەن. ئەگەر مەندىن پاناھ تىلىسە، چوقۇم پاناھلىق بېرىمەن(سەھىھۇلبۇخارىي6502- ھەدىس؛ مىشكات مەسابىھ2266- ھەدىس).

جانلىق رەسىمىنى سىزىشنىڭ گۇناھى كەبىرە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

جانلىق رەسىمىنى سىزىشنىڭ گۇناھى كەبىرە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلار سۈرەت سىزىدىغانلاردۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. (بۇخارى 5950) نافىئتىن بايان قىلىنىدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىگە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېتقان: «شۈبھىسىزكى، بۇ سۈرەتلەرنى سىزغانلار قىيامەت كۈنى جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن) ‹سىزغا رەسىمىڭلارغا جان كىرگۈزۈڭلارچۇ قېنى› دېيىلىدۇ.» (بۇخارى 5951) سەئد ئىبنى ئەبۇ ھەسەندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم، بىرەيلەن كىرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:«ئى ئابباسنىڭ ئاتىسى! مەن قولۇمدىكى ھۈنىرىمگە تايىنىپ تۇرمۇشۇمنى قامدايمەن، مەن رەسىم سىزىمەن» دېدى. ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا، مەن ساڭا پەقەت رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان مۇنۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بېرەي. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ...

مۇناپىقنىڭ ئۈچ خىل ئالامىتى

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەت قويسا خىيانەت قىلىدۇ. نەسەئى، تىرمىزى، بەيھەقى توپلىغان.

ھەدىس: بۇرۇتىنى قىسقارتمىغۇچ بىزدىن ئەمەس

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بۇرۇتىنى قىسقارتمىغۇچى بىزدىن ئەمەس.»(نەسائىي 13؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن) [ مَنْ لَمْ يَأْخُذْ شَارِبَهُ فَلَيْسَ مِنَّا ] التخريج اخرجه الترمذي في جامعه ( 43/1811 برقم 2815 ) والنسائي في الصغرى ( 49/2244 برقم 5007 ) وأحمد في المسند ( 23/751 برقم 18925 و 23/751 برقم 18936 ) وابن حبان في صحيحه ( 67/655 برقم 5569 ) والنسائي في الكبرى ( 1/11 برقم 14 و 72/3042 برقم 8049 ) وابن أبي شيبة في مصنفه ( 22/3778 برقم 24986 ) وعبد بن حميد في مسنده ( 1/19 برقم 266 ) والطحاوي في مشكل الآثار ( 0/151 برقم 1152 ) والعقيلي في الضعفاء ( 24/894 برقم 1954 ) والطبراني في الأوسط ( 1/1 برقم 529 و 1/4 برقم 3145 ) والطبراني في الصغير ( 1/4 برقم 279 ) والطبراني في الكبير ( 96/317 برقم 4894 و 96/317...

ساقالنى كامىل قويۇشقا بۇيرۇغان ھەدىسلەر

قورسىقىغا جەھەننەم ئوتىنى تولدۇرغۇچى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كۆمۈش چېنە-قاچىلاردا ئىچكەن كىشى قارنىغا پەقەت جەھەننەمنىڭ ئوتىنى تولدۇرغان كىشىدۇر.» ( بۇخارى 5634؛ مۇسلىم 2065 )

ئالتۇن كۆمۈش چىنە-قاچىلاردا يەپ ئىچمەسلىك

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئالتۇن ۋە كۆمۈش چىنە قاچىلاردا ئىچىملىك ئىچمەڭلار، ئالتۇن ۋە كۆمۈش قاچىلاردا تاماق يېمەڭلار. چۈنكى، بۇلار دۇنيادا كاپىرلارغا، ئاخىرەتتە سىلەرگە (مۇئمىنلەرگە) ئائىتتۇر.» ( بۇخارى 5426؛ مۇسلىم 2067 )

قاچىسىنى ئىت يالاپ قويغان كىشى قانداق قىلىدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلارنىڭ قاچىسىنى ئىت يالاپ قويسا، ئۇ قاچىنى تۇنجى قېتىم تۇپراقتا پاكلىغاندىن كېيىن يەتتە قېتىم سۇ بىلەن يۇيسۇن.» (بۇخارى 172؛ مۇسلىم 279؛ لەۋزى مۇسلىمغا ئائىت)

ھەدىس: دېڭىزنىڭ سۈيى پاك

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دېڭىز سۈيى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ سۈيى پاكتۇر، ئۇنىڭدا ئۆلگەن (سۇ ھايۋانلىرى) ھالالدۇر.» (ئەبۇ داۋۇد 83؛ تىرمىزى 69؛ نەسائى 59؛ ئىبنى ماجە 3246؛ تىرمىزى ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن؛ ئەلبانى ‹سەھىھ سۇنەن نەسائى› 58-دە ‹سەھىھ› دېگەن)

تەيەممۇم قىلىش قائىدىسى

تەيەممۇ قىلىش قائىدىسى «فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى تەيەممۇم مۇنداق قىلىنىدۇ: ئاۋۋال (دىلىدا تەيەممۇم قىلىشقا) نىيەت قىلىنىدۇ، ئاندىن ‹بىسمىللاھ› دېيىلىدۇ. قوللار (پاكىز يەرگە) بىر قېتىم ئۇرۇلغاندىن كېيىن قوللار پۈۋلىنىدۇ ياكى قولغا يېپىشقا توپا سىلكىپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئاندىن، ئىككى قول بىلەن يۈزگە ۋە قولنىڭ بېغىشىغا قەدەر مەسىھ قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «تەيەممۇم يۈز ۋە قوللار ئۈچۈن بىر قېتىم ئۇرۇش بىلەن بولىدۇ» دەپ كەلگەن.(ئەھمەد 4-263؛ ئەبۇ داۋۇد 327؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› نىڭ 161-ھەدىسىدە سەھىھ دېگەن) يەنە ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «تەيەممۇمنى مۇنداق قىلىشىڭ يېتەرلىك بولاتتى» دەپ، قوللىرىنى يەرگە بىر قېتىم ئۇرغاندىن كېيىن چاڭ-توزاننى سىلكىۋېتىپ سول قولى بىلەن ئوڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنىڭ دۈمبىسىگە مەسىھ قىلغان، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن يۈزىگە مەسىھ قىلغان.» (بۇخارى 347؛ مۇسلىم 368)

تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب (ئەۋزەل) ھېسابلىنىدىغان ئەھۋاللار

تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب (ئەۋزەل) ھېسابلىنىدىغان ئەھۋاللار «فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق فىقھى ئەسىرىدىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا تاھارەت ئالماق مۇستەھەب ۋە مەندۇبتۇر. (1) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى زىكىر قىلىش ۋە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب. (2) ھەر نامازدىن ئاۋۋال تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالاتتى.» (بۇخارى 214) (3) قايتا جىما قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ياكى ئۇخلىماقچى بولغان كىشىنىڭ ۋەياكى يەپ-ئىچمەكچى بولغان جۇنۇپ كىشىنىڭ تاھارەت ئېلىشى مۇستەھەب. چۈنكى، ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرىڭلار ئايالى بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، يەنە قايتا بىللە بولماقچى بولسا تاھارەت ئالسۇن.» (مۇسلىم 308) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) جۇبۇپ ھالەتتە ئۇخلىماقچى بولسا، ئۇخلاشتى...

ناخشا-مۇزىكىغا توغرىسىدىكى بەزى ھەدىسلەر

ناخشا-مۇزىكىغا ئالاقىدار بەزى ھەدىسلەر «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:( لَيَشْرَبَنَّ نَاسٌ مِنْ أُمَّتِي الْخَمْرَ يُسَمُّونَهَا بِغَيْرِ اسْمِهَا يُعْزَفُ عَلَى رُءُوسِهِمْ بِالْمَعَازِفِ وَالْمُغَنِّيَاتِ يَخْسِفُ اللَّهُ بِهِمُ الأَرْضَ وَيَجْعَلُ مِنْهُمُ الْقِرَدَةَ وَالْخَنَازِيرَ )«ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك كىشى ھاراققا باشقا ئىسىم قويۇۋېلىپ ئۇنى ئىچىدۇ؛ ئۇلارنىڭ سورۇنىدا چالغۇلار چېلىنىدۇ، ناخشىچى قىزلار ناخشا ئېيتىدۇ. ئاللاھ بۇنداقلارنى زېمىنغا يۇتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇلارنى چوشقىغا ۋە مايمۇنغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.»(ئىبنى ماجە 4020-ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنى ئىبنى تەيمىييە بايان ئەددەلىل ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ دېگەن؛ ئىغاسەتۇللەھفەن ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجەدە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام قۇرتۇبى ئەتتەزكىرە ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلىپ سەھىھ دېگەن) ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ «ئەدەب ئەلمۇفرەد» ناملىق ھەدىس كىتابىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن...

ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاددىي ساددىلىقى

ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئەيمەن مۇنداق دەيدۇ: دادام ماڭا شۇنداق دېدى : ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (ئانىمىزنىڭ) يېنىغا كىردىم. ئۇچىسىدا بەش دىرھەم قىممىتىدىكى، قېلىن كۆڭلەك بار ئىدى. ماڭا «بېشىڭنى كۆتۈرۈپ خىزمەتكارىمغا قارا. ئۇ بۇ كىيىمىنى (ئاددىي چاغلاپ) ئۆيدە كىيىشتىن نومۇس قىلىدۇ . ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ھايات چاغدا مېنىڭ مۇشۇنىڭدەك كۆڭلىكىم بار ئىدى. مەدىنىدە (توي ئۈچۈن) زىننەتلەنگەن ھەممە ئاياللار بۇ كۆڭلۈكىمنى ئارىيەت ئېلىش ئۈچۈن خەۋەر ئەۋەتەتتى.» (سەھىھۇل بۇخارى2628-نومۇرلۇق ھەدىس)     ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي رەھىمەھۇللاھ «فەتھۇل بارى» دا بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن : ئىمام ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ سۆزى ئارقىلىق دېمەكچى بولغىنى مۇنداق: مۇسۇلمانلار دەسلەپكى چاغلاردا قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىدى. كېيىنكى دەۋىردىكى مۇسۇلمانلار ئەرزىمەس ھېسابلىغان نەرسىلەر دەسلەپكى چاغلاردا تولىمۇ قىممەتلىك ھېسابلىناتتى . بۇ ھەدىستىن يەنە ئائىشە ئانىمىزنىڭ خىزمەتچىلىرىگە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىدىغانل...

بىز مۇشرىكلاردىن ياردەم سورىمايمىز

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىز مۇشرىكلاردىن ياردەم سورىمايمىز.»(ئەلبانى: سەھىھۇل جامىئ 2293)

سۈيدۈكتىن ساقلانماسلىق قەبرە ئازابىغا سەۋەب بولىدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قەبرە ئازابىنىڭ ئەڭ كۆپى سۈيدۈك (نىڭ كىيىمگە يۇقۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلماسلىق) تىندۇر.»(ئەلبانى: سەھىھۇل جامىئ 1202)

ۋەدىگە ۋاپا قىلىش جەننەتكە كىرىش كاپالىتى

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر ماڭا ئالتە ئىشقا كاپالەت بېرىڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭلارغا كېپىل بولاي. سۆزلىسەڭلار راست سۆزلەڭلار؛ ۋەدە قىلساڭلار ۋەدەڭلەرگە ۋاپا قىلىڭلار؛ سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتكە خىيانەت قىلماستىن ئادا قىلىڭلار؛ ئەۋرىتىڭلارنى ھارامدىن ساقلاڭلار؛ كۆزۈڭلارنى ھارامدىن يۇمۇڭلار؛ قولۇڭلارنى يامانلىقتىن تارتىڭلار.» (ئەلبانى: سەھىھۇل جامىئ 1018-نومۇرلۇق ھەدىس)

دۇنيا مۆمىننىڭ تۈرمىسى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «دۇنيا مۆمىننىڭ تۈرمىسى، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر.»   ( المصدر : صحيح مسلم : 2956 )( الراوي : أبو هريرة المحدث : الألباني المصدر : صحيح ابن ماجه الجزء أو الصفحة : 3337 )( الراوي : أبو هريرة المحدث : الألباني المصدر : صحيح الترمذي الجزء أو الصفحة : 2324 )( الراوي : ابن عمر المحدث : البزار المصدر : البحر الزخار المعروف بمسند البزار الجزء أو الصفحة : 12/289 )( الراوي : أبو هريرة المحدث : البزار المصدر : البحر الزخار المعروف بمسند البزار الجزء أو الصفحة : 15/69 )( الراوي : أبو هريرة المحدث : ابن حبان المصدر : صحيح ابن حبان الجزء أو الصفحة : 687 )( الراوي : عبد الله بن عمر المحدث : الطبراني المصدر : المعجم الأوسط الجزء أو الصفحة : 9/64 )( الراوي : أنس بن مالك المحدث : الطبراني المصدر : المعجم الأوسط الجزء أو الصفحة : 9/149 )( الراوي : أنس بن مالك المحدث : ابن عدي المصدر : الكامل في الضعفاء الجزء أو الصفحة : 5/533 )( الراوي : عبدالله بن عمر المحدث ...