ساقالنى كامىل قويۇشقا بۇيرۇغان ھەدىسلەر



ساقال توغرىسىدىكى بەزى ھەدىسلەر
(ئىمام ئەلبانى «سەھىھ جامىئ» دىن ئېلىندى)

207. ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ ھۇرهيره رهدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بۇرۇتنى قىرقىپ، ئېلىپ تۇرۇڭلار، ساقالنى كامىل قويۇڭلار.
مۇسلىم، نەسەئى، تىرمىزى، ئىبنى ئەدلى توپلىغان. سەھىھ.
1067. ئەبۇ ھۇرهيره رهدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بۇرۇتنى قىرقىپ، ساقالنى كامىل قويۇڭلار. ئاق چاچلارنى، ساقاللارنى ئۆزگەرتسەڭلار بولىدۇ، لېكىن يەھۇدىي، ناسارالارغا قەتئىي ئوخشىۋالماڭلار. ئەھمەد توپلىغان، سەھىھ.
2520. ئىبنى ئۆمەر رهدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بۇرۇتنى قىرقىپ تۇرۇڭلار، ساقالنى بولسا كامىل قويۇڭلار، بۇخارى  5443 – ھەدىس، مۇسلىم  381 – ھەدىس. تىرمىزى   2688 – ھەدىس، نەسەئى 12 – ھەدىس، ئەبۇ داۋۇد 3667 – ھەدىس. ئەھمەد  5716 – ھەدىس.
3092. ئەبۇ ھۇرهيره رهدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بۇرۇتلارنى ئېلىپ تۇرۇڭلار، ساقالنى كامىل، ئۇزۇن قويۇڭلار، مەجۇسىيلارنىڭ خىلاپىدا ئىش قىلىڭلار. مۇسلىم توپلىغان.
3125. ئەنەس رهدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئۈممىتىمدىن (ساقاللىرىغا، پۇت – قوللىرىنىڭ بارماقلىرىغا) سۇ يەتكۈزگۈچىلەر (خىلال قىلغۇچىلار) نېمىدېگەن ياخشى ھە! ئىبن ئەساكىر توپلىغان، سەھىھ.
3209. ئىبن ئۇمەر رهدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مۇشرىكلارنىڭ قارشىسىدا ئىش قىلىڭلار، بۇرۇتنى قىرقىپ، ساقالنى تولۇق، كامىل قويۇڭلار، بەيھەقى توپلىغان، سەھىھ.
4009. ئائىشە رهدىياللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننەتلىرىدىن 10 ئىش باردۇر. 1. بۇرۇتنى قىرقىپ تۇرۇش، 2. ساقالنى كامىل، تولۇق قويۇش، 3. مىسۋاك سېلىش، 4. ئېغىز - بۇرنىغا سۇ ئېلىش، 5. تىرناقلارنى ئېلىپ تۇرۇش، 6. بارماقلارنىڭ بوغۇملىرىدىكى قاتلىشىپ، تۈرۈلۈپ قالغان جايلارنى يۇيۇش، 7. قولتۇق تۈكىنى تازىلاش،  8. ئەۋرهتنى پاك – پاكىز تازىلاش، 9. ئىستىجا قىلىش،  10. راۋىي ئۇنتۇپ قالغان بولۇپ، ئېغىزىغا سۇ ئېلىش دېگەن، بەزىلەر باشقا سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق دەلىللەپ خەتنە قىلىش دېگەن. بۇ ھەدىسنى مۇسلىم تاھارهت بابىدا، ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبن ماجە، نەسەئى، تىرمىزىلار توپلىغان، سەھىھ.

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر