تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
تەشەھھۇدتا
بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
كۆپلىگەن
قېرىنداشلارنىڭ ناماز ئۈچۈن تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا بارماقلىرىنى رەسۇلۇللاھتەك
ھەرىكەتلەندۈرمەستىن يوتىسىغا چاپلاپ ئولتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بايقىدىم.
رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەر-بىر مۇسۇلماننىڭ سەھىھ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشى،
رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشى پەرز. نامىزىنى رەسۇلۇللاھتەك ئوقۇشى ھەم
ئوخشاشلا پەرز. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ «نامازنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار»(بۇخارى) دەپ
بۇيرۇغان. شۇڭا، بۇ ھەقتىكى بىر نەچچە سەھىھ ھەدىسلەرنى تەييارلاپ قېرىنداشلارنىڭ
دىققىتىگە سۇندۇم.
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
تەشەھھۇد
ئۈچۈن ئولتۇرسا، ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىغا قويۇپ، ھەممە بارمىقىنى يۇمۇپ، باش بارمىقىنىڭ
يېنىدىكى (كۆرسەتكۈچ) بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلاتتى. سول قولىنى سول يوتىسىغا قوياتتى. (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇسلىم،508)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا، سول قولىنى سول يوتىسىغا (ئوڭ قولىنى ئوڭ
يوتىسىغا) قوياتتى ۋە ئوڭ
قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى مىدىرلىتىپ ئىشارە قىلاتتى. كۆزى بارمىقىدىن
ئايرىلمايتتى. (ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھتىن نەسەئىي؛ئەبۇ داۋۇدمۇ مۇشۇ مەزمۇندا
سەھىھ ھەدىس رىۋايەت
قىلغان)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ئوڭ جەينىكىننى ئوڭ يوتىسىغا قويدى. ئاندىن، ئىككى بارمىقىنى چەمبەر
ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، كۆرسەتكۈچ
بارمىقىنى كۆتۈردى ۋە ھەرىكەتلەندۈردى، شۇ ھالەتتە دۇئا قىلدى.»(ئىمام نەسەئىي889؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ ئىبنى
خۇزەيمەدە 1-354؛ ئىبنى ماجە،
5-170؛ ئەلبانى ئىراۋۇل غەلىل 367)
Yorumlar
Yorum Gönder