Kayıtlar

Nisan, 2017 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

ئاللاھنى زىكىر قىلىش قايسى ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

جۈمە كۈنى غۇسل قىلىش

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنى غۇسل قىلىش بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر كىشىگە ۋاجىب.» (بۇخارى 895)

جىم ئولتۇرۇپ خۇتبە تىڭشاش

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا يېنىڭدىكى كىشىگە ‹جىم تۇر› دېسەڭمۇ، بىھۇدە سۆز قىلغان بولىسىەن.» (بۇخارى 934)

ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيدىغان كىشى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «رەببىنىڭ ئاللاھ، دىنىنىڭ ئىسلام ۋە پەيغەمبىرىنىڭ مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) بولغانلىقىغا چىن قەلبىدىن مەمنۇن بولغان كىشى ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.» (مۇسلىم 34)

ساھابىلەرنىڭ پەزىلىتى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ساھابىلىرىمنى تىللىماڭلار! ئەگەر سىلەردىن بىرى ئوھۇ تېغىدەك ئالتۇننى ياخشىلىق يولىغا سەرپ قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئۇلاردىن بىرىنىڭ بىر مۇد ياكى يېرىم مۇد (ئالتۇن سەدىقە قىلغىنىغا) تەڭلىشەلمەيدۇ.» (يەتتە ئىمام رىۋايەت قىلغان ھەدىس)

شەكلىك نەرسىلەردىن قېچىش

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سېنى شەككە سالىدىغان نەرسىنى تاشلاپ، سېنى شەككە سالمايدىغان نەرسىنى تۇتقىن.» ــ تىرمىزى رىۋايەت قىلغان .

بىگۇناھ قان تۆكۈش قاتارلىق گۇناھلاردىن ساقلىنىش

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر ماڭا ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، زىنا قىلماسلىققا، ئوغرىلىق قىلماسلىققا ۋە بىگۇناھ قان تۆكمەسلىككە بەيئەت قىلىڭلار.» (مۇسلىم 4558)

گۈزەل ئەخلاقنىڭ دەرىجىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «شۈبىھسىزكى، مۇئمىن ئادەم ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)

جۈمە ۋە غۇسل

غۇسىل ۋە جۈمە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «غۇسل قىلىش جۈمە نامىزى ئوقۇشى ۋاجىب بولغان كىشىلەرگە كېرەك بولىدۇ.» (بۇخارى-جۈمە نامىزى)

قەيەردىلا بولساڭ، ئاللاھ تائالاغا تەقۋادار بولغىن

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەيەردىلا بولساڭ ئاللاھ تائالاغا تەقۋادار بولغىن؛ ۋە بىرەر يامان ئىش قىلىپ سالساڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ياخشىلىق قىلغىن. ئۇ ياخشىلىق يامانلىقنى ئۆچۈرىدۇ. كىشلەرگە چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن.» (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان؛ ئىمام نەۋەۋىي ‹قىرىق ھەدىس› كە كىرگۈزگەن)

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى ئوقۇڭلار. ھەقىقەتەن قۇرئان قىيامەت كۈنى ئۆز ھەمراھى (يەنى ئۇنى ئوقۇپ ئەمەل قىلغۇچى) ئۈچۈن شاپائەتچى بولۇپ كېلىدۇ.» (مۇسلىم 804؛ ئەھمەد 5-249)

دوزاخقا كىرگەن «ياخشى» كىشى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، دوزاخقا تاشلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۈچەيلىرى قورسىقىدىن ساڭگىلاپ قالغان بولىدۇ. ئۇ ئادەم خۇددى ئېشەك تۈگمەننى چۆرگىلىگەندەك ئىچى باغرىنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەپ تۇرىدۇ. دوزاخ ئەھلىلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ:«ئى پالانى! ساڭا نېمە بولدى؟ سەن ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توساتتىڭغۇ؟» دەيدۇ. ئۇ كىشى:« شۇنداق، مەن ياخشىلىققا بۇيرۇيتتۇميۇ، ئۆزۈم قىلمايتتىم ۋە يامانلىقتىن توسۇيتتۇميۇ، ئۆزۈم قىلاتتىم» دەيدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم] ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتابنى ئوقۇپ تۇرىسىلەر ، چۈشەنمەمسىلەر} (سۈرە بەقەرە 44-ئايەت)

ياخشى سۆز سەدىقىدۇر

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇياش چىقىپ تۇرىدىغان ھەر كۈنى كىشلەرنىڭ ھەر بىر ئۈگىلىرىگە سەدىقە كېلىدۇ. ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادىل ھۆكۈم قىلغىنىڭمۇ سەدىقىدۇر. بىر كىشىنىڭ ئۇلىغىغا مىنىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشىڭمۇ ياكى ئۇ ئادەم ئۈچۈن ئۇلىغىغا يۈك-تاقلىرىنى ئارتىپ بېرىشىڭمۇ سەدىقىدۇر . ياخشى سۆزمۇ سەدىقىدۇر. نامازغا ماڭغان ھەر بىر قەدەممۇ سەدىقىدۇر. يولدىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بىرەر نەرسىنى ئېلىۋىتىشىڭمۇ سەدىقىدۇر.» ــ بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

«مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار...»

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار...» (بۇخارى3461؛ تىرمىزى 2669؛ ئىمام ئەھمەد 2\159؛ دارىمى-سۇنەن-542)

ئۈممىتىمدە مۇناپىقلارنىڭ كۆپى قارىلاردۇر، ھەدىسى

دۇنيا مۆمىننىڭ تۈرمىسى

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ، قَالَ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم « الدُّنْيَا سِجْنُ الْمُؤْمِنِ وَجَنَّةُ الْكَافِرِ.» ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «دۇنيا مۆمىننىڭ تۈرمىسى، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر.»(مۇسلىم)

جەننەتنىڭ يولى قانداق بولىدۇ؟

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جەننەت قىيىنچىلىقلار بىلەن قورشالدى، جەھەننەم ئارزۇ-ئىستەك (شەھۋەت) بىلەن قورشالدى.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، مۇسلىم، تىرمىزى، دارىمىي، بەززار قاتارلىق ئىماملار رىۋايەت قىلغان) ھەدىسنىڭ ئەرەبچىسى: حَدَّثَنَا عَبْدُ اللهِ بْنُ مَسْلَمَةَ بْنِ قَعْنَبٍ، حَدَّثَنَا حَمَّادُ بْنُ سَلَمَةَ، عَنْ ثَابِتٍ، وَحُمَيْدٍ، عَنْ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ، قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : «حُفَّتِ الْجَنَّةُ بِالْمَكَارِهِ، وَحُفَّتِ النَّارُ بِالشَّهَوَاتِ.»(مسلم 2822)

نامازدا قوللارنى مۈرە باراۋىرىدە كۆتۈرۈش ھەدىسىنىڭ شەرھى

ئىسلام غېرىبلىق ھالەتتە باشلاندى يەنە غېرىبلىق ھالىتىگە قايتىدۇ» ھەدىسىنىڭ شەرھى

مەسجىد بېزەشكە بۇيرۇلمىدىم» ھەدىسىنىڭ شەرھى

«ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق ئاتا قىلسا، ئۇنى دىننى بىلىدىغان قىلىدۇ» ھەدىسىنىڭ شەرھى

ئۇ يازاتتى، مەن يازمايتتىم

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن باشقا ھېچبىر ساھابىسى مەندىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ يازاتتى، مەن يازمايتتىم. (بۇخارى 113)

ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «دىننى كىشىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار. خۇش بېشارەت بېرىپ جەلىپ قىلىڭلار، قاچۇرۇۋەتمەڭلار.» (بۇخارى 69) بۇ ھەدىسنىڭ شەرھى:«فەتھۇلبارى» 1\219-بەتتە.

رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۆلچىمى

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر كىشى مېنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى، بالا-ۋاقىسى ۋە جىمى ئىنسانلاردىن ئارتۇق كۆرمىگۈچە ھەقىقىي مۆمىن بولالمايدۇ.» (بۇخارى 15)

ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى مۇسۇلمان قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرۈش

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە، ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» (بۇخارى 13)

مىسكىنلەرنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن: ـــ ئىسلامنىڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسىلار؟- دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: ـــ پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش ۋە تونىغان-تونىمىغان ھەممىسىگە ئوخشاش سالام بېرىش،- دېدى. (بۇخارى 12)

مۇسۇلمان ۋە مۇھاجىر

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان دېگەن - تىلى ۋە قولى بىلەن باشقا مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدىغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر.» (بۇخارى 10)

ئىمان ۋە ھايا

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمان ئاتمىش نەچچە شاخچىدىن تەركىپ تاپقان، ھايا شۇ شاخچىلارنىڭ بىرىدۇر» دېيىلگەن. (بۇخارى 9)

ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ خىراجەت قىلىش

ئەبۇ مەسئۇد ئەل بەدىرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر كىشى ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ ئائىلىسى (ئاتا-ئانا، خوتۇن بالىلىرى) ئۈچۈن خىراجەت قىلسا، قىلغان شۇ خىراجىتى ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.» (بۇخارى 55؛ مۇسلىم 1002)

رەسۇلۇللاھ ئايالىنىڭ يۈزىنى ياپقۇزدى

ھەدىس: نامەھرەملەرگە قارىماسلىق توغرىسىدا

عَنْ جَرِيرٍ، قَالَ سَأَلْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم عَنْ نَظْرَةِ الْفَجْأَةِ فَقَالَ ‏ "‏ اصْرِفْ بَصَرَكَ ‏"‏ جەرىــر رەزىيەللاھــۇ ئەنھـۇ مۇنــ داق دەيــدۇ: مەن پەيغەمــبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسـەللەمدىن (نـامەھرەم ئايالغـا) تاسـادىپىي قـاراپ ســېلىش توغرىســىدا ســورىغانىدىم، پەيغەمــبەر ســەللاللاھۇ ئەلەيھـى ۋەسەللەم:  ــ كۆزۈڭنى دەرھال باشقا ياققا بۇرىۋالغىن! ـ دەپ جاۋاب بەردى. ئەبۇ داۋۇد: 2148 – ھەدىس. ئىمام ئەلبانى سەھىھ دېگەن