Kayıtlar
Temmuz, 2017 tarihine ait yayınlar gösteriliyor
دىنىي قېرىندىشىغا ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىغۇچى مەغفىرەت قىلىنمايدۇ
- Bağlantıyı al
- X
- E-posta
- Diğer Uygulamalar
[4652] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ھېچنېمىنى شېرىك قوشمىغان ھەر بىر بەندە مەغفىرەت قىلىنىدۇ. بىراق دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئارىسىدا دۈشمەنلىك-ئاداۋەت بولغانلار مەغفىرەت قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ئۇلار توغرىسىدا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دەيدۇ: بۇ ئىككىسىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنى يارىشىپ قالغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈڭلار.» (مۇسلىم 4652)
مەشھۇر ئەھكام ھەدىسلىرى توپلىمى «بۇلۇغۇلمەرام»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
- Bağlantıyı al
- X
- E-posta
- Diğer Uygulamalar
بۇلۇغۇلمەرام مۇئەللىپ: ئىمام ئىبنى ھەجەر شەرھلىگۈچى: مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق «شېرىن بۇلاق» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورىدۇر. ھىندىستانلىق بۇ سەلەفىي ئالىم 2007-يىلى ۋاپات بولغان) تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇللاھ تارىمى (ھەدىسلەر داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىپ كۆپىيىپ ماڭىدۇ) بىرىنجى: تاھارەت كىتابى 1- سۇلار بۆلۈمى [1] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دېڭىز توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ سۈيى پاكتۇر، ئۆلۈكلىرى ھالالدۇر.» (بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام ۋە ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ لەۋزى ئىبنى ئەبى شەيبەنىڭ. ئىبنى خۇزەيمە ۋە تىرمىزى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمام مالىك، ئىمام شافىي ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان) [2] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: « ھەقىقەتەن سۇ پاكتۇر. ئۇنى ھېچنەرسە نىجىس قىلالمايدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئۈچ ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىمام ...