سەھىھۇل مۇسلىم-ئۇيغۇرچە

سەھىھۇل مۇسلىم

ئابدۇللاھ تارىمى تەييارلىدى

(ھەدىسلەر كۈنسېرى تولۇقلىشىپ ماڭىدۇ)

[15] جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: نۇئمان ئىبنى قەفۋەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن پەرز نامازلارنى ئوقۇسام، ھارامنى ھارام دەپ بىلسەم، ھالالنى ھالال دەپ بىلسەم جەننەتكە كىرەمدىم؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «شۇنداق» دېدى. (مۇسلىم 15)
[34] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «رەببىنىڭ ئاللاھ، دىنىنىڭ ئىسلام ۋە پەيغەمبىرىنىڭ مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) بولغانلىقىغا چىن قەلبىدىن مەمنۇن بولغان كىشى ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.» (مۇسلىم 34)
«مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىق، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش كۇفۇردۇر.» (بۇخارى 48؛ مۇسلىم 64)
[81] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئادەم بالىسى سەجدە ئايىتى ئوقۇپ سەجدە قىلسا، شەيتان يىغلىغىنىچە ئۆزىنى بىر چەتكە ئېلىپ نالە قىلىپ دەيدۇ: ۋاي ئىسىت ماڭا! ئادەم بالىسى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى. ئۇنىڭغا جەننەت بار. مەنمۇ سەجدىگە بۇيرۇلغانتىم باش تارتتىم، شۇڭا ماڭا دوزاخ بار.» ("سەھىھۇ مۇسلىم" 81-ھەدىس.)
[82] «(مۇسۇلمان) كىشى بىلەن شىرىك ۋە كۇفۇر ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك ئېتىشتۇر.» (مۇسلىم 82)

[100] ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىىشلەر ئارىسىدا تارالغان ئىككى ئىش باركى، بۇلار كۇفۇر (ئەھلىگە ئائىت ئىشلاردىندۇر): نەسەبكە تىل تەگكۈزۈش ۋە ئۆلۈككە ئاھ-پەرياد ئۇرۇش.» (مۇسلىم 100)
[145] «ئىسلام غېرىبانە باشلاندى، كەلگۈسىدە يەنە غېرىبانە ھالىتىگە قايتىدۇ. غېرىبلارغا خۇشخەۋەر بولسۇن!» (مۇسلىم 145)
[146] ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىزگە قارشى قورال كۆتۈرگەن بىزدىن ئەمەس. بىزنى ئالدىغانمۇ بىزدىن ئەمەس.»(مۇسلىم 146)
[182] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئەھلى دوزاخ ئىچىدىن خالىغانلارغا رەھمەت قىلماقچى بولسا پەرىشتىلەرنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلارنى دوزاختىن ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلاردىكى سەجدە ئىزلىرىدىن تونۇپ، ئۇلارنى دوزاختىن ئېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى ئاللاھ دوزاخقا سەجدىنىڭ ئادەم بالىسىدىكى ئىزىنى كۆيدۈرۈشىنى ھارام قىلىۋەتكەن.» (سەھىھەين: "بۇخارى" 806-ھەدىس. "مۇسلىم" 182-ھەدىس.)
[412] «ئىمام دېگەن ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن، ئىمام رۇكۇ قىلسا دەرھال رۇكۇ قىلىڭلار، بېشىنى كۆتۈرسە دەرھال بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار.» (سەھىھەين: "بۇخارى" 688-ھەدىس. "مۇسلىم" 412-ھەدىس.)
[422] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھنىڭ ئايال بەندىلىرىنى مەسجىدكە كېلىشتىن توسماڭلار.» (ئىمام بۇخارى 900؛ مۇسلىم 442؛ نەسەئىي 706؛ ئەبۇ داۋۇد 566؛ ئىبنى ماجە 16؛ ئىمام ئەھمەد 2-156؛ دارىمىي 1279)
[508] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرسا، ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىغا قويۇپ، ھەممە بارمىقىنى يۇمۇپ، باش بارمىقىنىڭ يېنىدىكى (كۆرسەتكۈچ) بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلاتتى. سول قولىنى سول يوتىسىغا قوياتتى. (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇسلىم،508)
[575] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە سەجدە ئايىتى بار سۈرىنى ئوقۇپ بېرىپ سەجدە قىلاتتى، بىزمۇ سەجدە قىلاتتۇق، ھەتتا بەزىمىز سەجدىگە پېشانىسىنى قويغۇدەك جاي تاپالماي قالاتتۇق. (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر؛ سەھىھەين: "بۇخارى" 1075-ھەدىس. "مۇسلىم" 575-ھەدىس.)
[612] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى كېچىنىڭ يېرىمىغىچە داۋاملىشىدۇ.»(سەھىھۇل مۇسلىم 612-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنى يەنە ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ‹ياخشىلار باغچىسى شەرھى› ناملىق ئەسىرىدە، 60-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىدە بايان قىلغان)
رۇكۇ ۋە سەجدىدە نېمە دېيىلىدىغانلىقى بابى
[744] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن ھالىتى سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، (سەجدىدە) دۇئانى كۆپ قىلىڭلار.» (مۇلسىم 744)
[746] عن عائشة رضي الله عنها أن النبي صلى الله كان َيُصَلِّي تِسْعَ رَكَعَاتٍ لا يَجْلِسُ فِيهَا إِلا فِي الثَّامِنَةِ فَيَذْكُرُ اللَّهَ وَيَحْمَدُهُ وَيَدْعُوهُ ثُمَّ يَنْهَضُ وَلا يُسَلِّمُ ثُمَّ يَقُومُ فَيُصَلِّ التَّاسِعَةَ ثُمَّ يَقْعُدُ فَيَذْكُرُ اللَّهَ وَيَحْمَدُهُ وَيَدْعُوهُ ثُمَّ يُسَلِّمُ تَسْلِيمًا يُسْمِعُنَا
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم توققۇز رەكئەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، بۇ نامىزىداتاكى سەككىزىنجى رەكئەت تۈگىگىچە (تەشەھھۇدتا) ئولتۇرمايتتى. بۇ چاغدا ئۇ زات ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى، ئاللاھقا ھەمد ئوقۇپ، دۇئا قىلاتتى. ئاندىن، سالام بەرمەستىن توققۇزىنچى رەكئەت ئۈچۈن ئورنىدىن تۇراتتى. ئاندىن (توققۇزىنچى رەكئەتنىڭ تەشەھھۇدىدا) ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى، ئاللاھقا ھەمد ئېيتاتتى ۋە دۇئا قىلاتتى. ئاندىن بىز ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ) سالام بېرىپ نامىزىنى تۈگىتەتتى. (مۇسلىم 746)

[749] (صَلاةُ اللَّيْلِ مَثْنَى مَثْنَى فَإِذَا خَشِيَ أَحَدُكُمْ الصُّبْحَ صَلَّى رَكْعَةً وَاحِدَةً تُوتِرُ لَهُ مَا قَدْ صَلَّى ) رواه البخاري (911) ومسلم (749)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كېچىنىڭ نامىزى ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. بىرىڭلار تاڭ يورۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە (ۋىتىرنى) بىر رەكئەت ئوقۇش بىلەن (ئىككى رەكئەتتىن) ئوقۇغىنىنى تاق قىلسۇن.»(بۇخارى 911؛ مۇسلىم 749)
«كېچىدە ئوقۇلىدىغان (نەپلە)  ناماز ئىككى رەكئەت-ئىككى رەكئەتتىن بولىدۇ. تاڭ كىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن كىشى، بۇ نامازنى بىر رەكئەت ئوقۇۋالسۇن.» (بۇخارى 472، مۇسلىم 749)
[752] لقول النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( الْوِتْرُ رَكْعَةٌ مِنْ آخِرِ اللَّيْلِ ) رواه مسلم (752)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كېچىنىڭ ئاخىرىدىكى ۋىتىر نامىزى بىر رەكئەتتۇر.» (مۇسلىم 752)
[755] قال رسول الله صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( مَنْ خَافَ أَنْ لا يَقُومَ مِنْ آخِرِ اللَّيْلِ فَلْيُوتِرْ أَوَّلَهُ وَمَنْ طَمِعَ أَنْ يَقُومَ آخِرَهُ فَلْيُوتِرْ آخِرَ اللَّيْلِ فَإِنَّ صَلاةَ آخِرِ اللَّيْلِ مَشْهُودَةٌ وَذَلِكَ أَفْضَلُ ) رواه مسلم (755)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كېچىنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئۈچۈن ئويغۇنالماي قېلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشى، ۋىتىرنى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئوقۇۋالسۇن. كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئويغۇنالىشىغا ئىشەنچ قىلغان كىشى ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇسۇن. ھەقىقەتەن، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇلغان نامازغا (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) گۇۋاھچىلىق بولىدۇ، بۇ چاغدا ناماز ئوقۇش تېخىمۇ ياخشىدۇر.» (مۇسلىم 755)
[760] «كىمكى رامزان روزىسىنى (ئاللاھنىڭ پەرز قىلغانلىقىغا) ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇتسا، ئۆتمۈشتىكى (كىچىك) گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.» (بۇخارى 38؛ مۇسلىم 760) (ياخشىلار باغچىسى شەرھى، 1-300)
[804] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قۇرئاننى ئوقۇڭلار. ھەقىقەتەن قۇرئان قىيامەت كۈنى ئۆز ھەمراھى (يەنى ئۇنى ئوقۇغۇچى ۋە ئەمەل قىلغۇچى) ئۈچۈن شاپائەتچى بولۇپ كېلىدۇ.» (مۇسلىم 804؛ ئەھمەد 5-249)
[1164] صحيح مسلم الصِّيَامِ (1164) ، سنن الترمذي الصَّوْمِ (759) ، سنن أبي داود الصَّوْمِ (2433) ، سنن ابن ماجه الصِّيَامِ (1716) ، سنن الدارمي الصَّوْمِ (1754) {من صام رمضان ثم أتبعه ستًّا من شوال كان كصيام الدهر.}
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى رامىزان روزىسىنى تۇتسا، ئاندىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ.» (مۇسلىم 1164؛ تىرمىزى 759؛ ئەبۇ داۋۇد 2433؛ ئىبنى ماجە 1716؛ دارىمى 1754)
[1599] «ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتۇر.» (سەھىھەين: "بۇخارى" 52-ھەدىس. "مۇسلىم" 1599-ھەدىس.)
[1622] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بەرگەن ھەدىيەسىدىن يېنىۋالغان كىشى ئۆزىنىڭ قۇسۇقىنى يېگەن ئىتقا ئوخشاش.» (بۇخارى 2622؛ مۇسلىم 1622)
[1835] رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:"كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلمىسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغان بولىدۇ...» (بۇخارى 2957، مۇسلىم 1835، نەسائىي 5510، ئىبنى ماجە 2859، ئىمام ئەھمەد 2\387)
[1893] قال النبي صلى الله عليه وسلم «من دل على خير فله مثل أجر فاعله.»(صحيح مسلم الإمارة (1893) ، سنن الترمذي العلم (2671) ، سنن أبو داود الأدب (5129) ، مسند أحمد بن حنبل (4/120
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى (باشقىلارغا) ياخشىلىقنى كۆرسىتىپ قويسا،شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچى ئېرىشكەن ساۋابنىڭ ئوخشىشىغا ئېرىشىدۇ.»(مۇسلىم 1893، تىرمىزى 2671،ئەبۇ داۋۇد 5129، ئەھمەد 4\129)
[2051] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يېمەكلىكنىڭ ئەڭ ياخشىسى سىركىدۇر.»(مۇسلىم 2051؛ تىرمىزى 1840؛ ئىبنى ماجە 3316؛ دارىمىي 2049)
[2103] «يەھۇدىي-ناسارالار (چاچ-ساقاللىرىنى) بويىمايدۇ، سىلەر ئۇلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار.» (سەھىھەين: "بۇخارى" 5899-ھەدىس. "مۇسلىم" 2103-ھەدىس.)

 [2742] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{اتقوا الدنيا واتقوا النساء فإن أول فتنة بني إسرائيل كانت في النساء}«دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىكى تۇنجى پىتنە ئاياللاردىن باشلانغان.»(مۇسلىم 2742؛ تىرمىزى 2191؛ ئىبنى ماجە 4000؛ مۇسنەد ئەھمەد 3-22)

[3131] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم قۇلى گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن تۇرۇقلۇق ئۇنى جازالاش نىيىتىدە ئۇرسا ياكى ئۇنى شاپىلاقلىسا، قىلغان بۇ (يامان) ئىشىنىڭ كاففارىتى ئۇ قۇلىنى ئازاد قىلىۋېتىشتۇر.»(مۇسلىم 3131)

[3135] ئەبۇ مەسئۇد بەدرى رەزىيەلللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

بىر كۈنى قۇلۇمنى قامچام بىلەن ئۇرۇۋاتاتتىم، ئارقا تەرىپىمدىن «ئى ئەبۇ مەسئۇد! بىلىپ قويغىنكى...» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. بىراق، غەزەپناكلىقىم سەۋەبلىك ئۇ سۆزنى تولۇق ئاڭلىيالمىدىم. ئاۋاز يېقىنلاشقىنىدا، كۆردۈمكى رەسۇلۇللاھ قارىشىمدا تۇرۇپ ماڭا شۇنداق دەۋاتاتتى:«ئى ئەبۇ مەسئۇد! بىلىپ قويغىنكى، ئاللاھنىڭ كۈچى ساڭا سېنىڭ بۇ قۇلغا كۈچۈڭ يەتكىنىدىن بەكراق يېتىدۇ.» مەن شۇندىلا «بۇنىڭدىن كېيىن ھېچبىر قۇلنى ئەسلا ئۇرمايمەن» دېدىم.
بىر رىۋايەتتە «رەسۇلۇللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن قامچا قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى» دېگەن لەۋىز ئارتۇق كەلگەن. (مۇسلىم 3135)
[3136] يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەمدى بۇ قۇل ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازادتۇر» دېدىم. رەسۇلۇللاھ ماڭا مۇنداق دېدى:«ئەگەر بۇنداق قىلمىغان بولساڭ جەھەننەم ئوتى سېنى ئورىۋالاتتى-ياكى سېنى كۆيدۈرەتتى-دېدى.» (مۇسلىم 3136)
 

[3804] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمان ۋاپات بولسا، ئۇنىڭغا يېزىلىدىغان ساۋاب پۈتۈنلەي توختايدۇ. ئەمما، تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنىڭ ساۋابى بۇنىڭدىن مۇستەسنا: سەدىقە جارىيە، پايدىلىق ئىلىم، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغان سالىھ پەرزەنت.»(مۇسلىم 3804؛ تىرمىزى 1297؛ نەسائىي 3591)
[4558] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«سىلەر ماڭا ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، زىنا قىلماسلىققا، ئوغرىلىق قىلماسلىققا ۋە بىگۇناھ قان تۆكمەسلىككە بەيئەت قىلىڭلار.» (مۇسلىم 4558)
[4652] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ھېچنېمىنى شېرىك قوشمىغان ھەر بىر بەندە مەغفىرەت قىلىنىدۇ. بىراق دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئارىسىدا دۈشمەنلىك-ئاداۋەت بولغانلار مەغفىرەت قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ئۇلار توغرىسىدا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دەيدۇ: بۇ ئىككىسىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنى يارىشىپ قالغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈڭلار.» (مۇسلىم 4652)
[4794] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن، ئاللاھ تائالا ئاسمان-زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ تەقدىرىنى يازدى. ئۇنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى.» (مۇسلىم 4797)

[4828] وعن عبد الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما قال‏:‏ سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول‏:‏ ‏«‏إن الله لا يقبض العلم انتزاعًا ينتزعه من الناس ولكن يقبض العلم بقبض العلماء حتى إذا لم يبقِ عالمًا، اتخذ الناس رءوسًا جهالا، فسئلوا فأفتوا بغير علم، فضلوا وأضلوا‏.»

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ئاللاھ تائالا ئىلىمنى ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدىن تارتىۋېلىش بىلەن ئېلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئالىملارنىڭ ۋاپاتى ئارقىلىق ئېلىپ كېتىدۇ. ئالىم قالمىغان چاغدا، كىشىلەر جاھىل داموللاملارنى باشچى قىلۋالىدۇ. ئۇ جاھىل داموللاملاردىن پەتىۋا سورالسا ئىلىمسىز ھالدا پەتىۋا بېرىپ، ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ.» (بۇخارى 98؛ مۇسلىم 4828؛ ياخشىلار باغچىسى 1392؛ تىرمىزى 2652؛ ئىبنى ماجە)
     [4864] «كىم ئىلىم ئۆگىنىش يولىدا ماڭىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ.»(بۇخارى-ئىلىم؛ مۇسلىم 4864؛ تىرمىزى 2646؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر