بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ساۋاب يېزىلىدۇ


ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تائالا (پەرىشتىلەرگە) مۇنداق بۇيرۇيدۇ: بەندەم بىر يامان ئىشنى قىلىشنى نىيەت قىلسا، ئۇنىڭ بۇ يامان نىيىتىنى شۇ ھامان يازماڭلار، تاكى ئۇ بۇ نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇ يامان ئىشنى قىلغانغا قەدەر (يازماستىن) ساقلاڭلار. ئەگەر ئۇ يامانلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرسا ئۇنىڭ قىلغان يامانلىقىغا باراۋەر يامانلىقنى يېزىڭلار. ئەگەر مەن سەۋەبلىك ئۇ يامان ئىشنى قىلىشتىن يانسا، بۇ ھالدا ئۇنىڭ ھېسابىغا بىر ساۋاب يېزىڭلار. بەندەم بىر ياخشى ئىشنى قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالسا، ئۇنىڭ بۇ ياخشى نىيىتىنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ھېسابىغا بىر ساۋاب يېزىڭلار. ئەگەر نىيەت قىلغان ياخشى ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، قىلغان شۇ بىر ئىشىنىڭ مۇكاپاتىغا ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ساۋاب يېزىڭلار.»(بۇخارى-تەۋھىد-7501)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر