زەمزەم سۈيى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

زەمزەم سۈيى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

سەھىھ مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، «ئۇ كىشى كەبى بىلەن كەبىنىڭ يوپۇقى ئارىسىدا يوشۇرۇنۇپ كېچە-كۈندۈزنى ئۆتكۈزگەن ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: قاچاندىن بىرى سەن بۇ يەردە؟ دەپ سورىۋىدى، ئەبۇ زەر: ئوتتۇز كېچە-كۈندۈز بولدى دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ساڭا كىم يېمەك-ئىچمەك يەتكۈزۈپ بەردى؟، دەپ سورىغاندا، ئەبۇ زەر: ماڭا يېمەك-ئىچمەك يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر كىشى يوق، مەن پەقەت زەمزەم سۈيى ئىچتىم، سەمىرىپ كەتتىم، ھېچقانداق ئاچلىق ۋە ئاجىزلىقنى ھېس قىلمىدىم دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: شۈبھىسىزكى، زەمزەم سۈيى بەرىكەتلىك سۇدۇر، ئۇ تائامنى مەقسەت قىلغۇچىنىڭ تائامىدۇر» دېدى.[مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىمام مۇسلىمدىن باشقا ھەدىسشۇناس ئالىملار: «شىپالىق تەلەپ قىلغۇچىنىڭ شىپاسىدۇر» دېگەن سۆزنى زىيادە كەلتۈردى. [بەززار1171-1172 - نومۇرلۇق ھەدىستە، تەبرانىي 295- نومۇرلۇق ھەدىستە، ئىبنى ماجە ھەج پائالىيەتلىرىدە 3062- نومۇرلۇق جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: زەمزەم سۈيى نېمىنى مەقسەت قىلىپ ئىچسە، شۇنىڭ ئۈچۈن بولىدۇ دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.

تابىئىنلاردىن بولغان مەشھۇر ئالىم ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ھەج قىلغان ۋاقىتتا زەمزەم قۇدۇقىغا كېلىپ زەمزەمنى قولىغا ئىلىپ تۇرۇپ: ئى ئاللاھ! ئىبنى ئەبى مەۋالى بىزگە مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىردىن، ئۇ جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «زەمزەم سۈيى نېمىنى مەقسەت قىلىپ ئىچسە، شۇنىڭ ئۈچۈن بولىدۇ» دېگەن، مەن بۇنى قىيامەت كۈنىدىكى ئۇسسۇزلۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىچىمەن دەپ تۇرۇپ ئىچكەن. [ئىبنى ئەبى مەۋالى ئىشەنچىلىك كىشى بولۇپ بۇ ھەدىس ھەسەن ھەدىس دېيىلىدۇ].

بىر ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: «مۆمىن بىلەن مۇناپىقنىڭ ئارىسىدىكى پەرق زەمزەم سۇيىنى قانغۇدەك ئىچىشتۇر». [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئىبنى ماجە ھەج پائالىيەتلىرىدە 1017-ھەدىستە، ھاكىم 1-توم 472 ھەدىستە، ئىمام بۇسەيرى: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ ۋە بايان قىلغۈچىلىرى ئىشەنچىلىك دېگەن].

مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:
ئىمام ئىبنى قەييۇمرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن مەن ۋە مەندىن باشقا كىشىلەر زەمزەم سۇيى بىلەن شىپالىق تەلەپ قىلىپئاجايىپ ئىشلارنى كۆردۇق، مەنمۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بىر قانچە كېسەللىكتىن شىپا تاپتىم.ئون بەش كۈن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت پەقەت زەمزەم سۈيى بىلەن غىزالانغان نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۈم، ئۇلار ھېچ قانداق ئاچلىق ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلماستىن كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ بىرى ماڭا: مەن بەزى قىرىق كۈنگىچە زەمزەم بىلەنلا غىزالاندىم، بۇنىڭ قۇۋۋىتىگە روزا تۇتتۇم، كەبىنى تاۋاپ قىلدىم ھەتتا ئايالىم بىلەنمۇ بىرگە بولدۇم دېگەن. [زادۇل مىئاد 4- توم 319- 320 بەتلەرگە مۇراجىئەتقىلىنسۇن].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زەمزەم سۈيىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنىڭ ھاسىل بولىشىنى ياقتۇرىدىغان كىشى زەمزەم سۈيىدىن قورسىقى تويغۇدەك ئىچىشى كېرەك، چۈنكى بۇ ئەڭ ياخشى سۇدۇر". بىر ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: «مۆمىن بىلەن مۇناپىقنىڭ ئارىسىدىكى پەرق زەمزەم سۇيىنى قانغۇدەك ئىچىشتۇر». [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئىبنى ماجە ھەج پائالىيەتلىرىدە 1017-ھەدىستە، ھاكىم 1-توم 472 ھەدىستە، ئىمام بۇسەيرى: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ ۋە بايان قىلغۈچىلىرى ئىشەنچىلىك دېگەن].

زەمزەم سۈيى پەقەت تاتلىق سۇ بولماستىن بەلكى ئازراق تۇزلۇققا مايىل سۇ. مۆمىن ئىنسان تۇزلۇققا مايىل بولغان بۇ سۇنى پەقەت ئۇنىڭدىكى بەرىكەتكە ئىشەنچ قىلىپ ئىچىدۇ، مۇسۇلماننىڭ بۇ سۇنى قانغۇدەك ئىچىشى، ئۇنىڭ بۇ سۇغا بولغان ئىشەنچ-ئىمانىنى دەلىلىدۇر. (شەرھى مۇمتىئناملىق ئەسەر 7-تومى 377-378 -379- بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر