ھەدىس لۇغىتىم
تۈرگە ئايرىلغان ھەدىسلەر
[ئاللاھنى تونۇش]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ئۆز كىتابىدا ھالال قىلغان نەرسە ھالالدۇر. ھارام
قىلغان نەرسە ھارامدۇر. ھەققىدە ئاللاھ سۈكۈت قىلغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ
ئەپۇسىدۇر. بۇ ۋەجىدىن ئاللاھ سۈكۈت قىلغىنىنى قوبۇل قىلىڭلار. چۈنكى، ئاللاھ
ھېچبىر ئىشنى ئۇنۇتمايدۇ.» رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق دەپ بولۇپ «رەببىڭ ئۇنتۇپ
قالمايدۇ»(سۈرە مەريەم، 64-ئايەت) دېگەن
ئايەتنى ئوقۇدى.(ھاكىم 2-375؛ ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ زەھەبى سەھىھلىكىگە
قوشۇلغان)
[ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار]
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن نەقىل قىلىدۇكى،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن،
ئاللاھ ئۆزىگە قارشى گۇناھ ئىشلارنىڭ قىلىنىشىنى يامان كۆرىدۇ، ئۆزى بەرگەن
رۇخسەتلىرىنىڭ قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.»(ئەھمەد 5832؛ ئەلبانى ‹ئەل
ئىرۋائ› 564-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
[ئاياق كىيىش]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايىقىنى كىيىش،
چاچ تاراش، تاھارەت ئېلىش، جۈملىدىن پۈتۈن ئىشلىرىنى ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى
كۆرەتتى.(بۇخارى 168؛ مۇسلىم 26)
[ئاياللار]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئاياللارنى
باشچى قىلىۋالغان كىشىلەر ئەسلا بەخىتكە ئېرىشەلمەيدۇ» (بۇخارى 4425)
ئەم
[ئەقىقە]
سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر بىر بالا
ئەقىقىسى بەدىلىگە رەنىگە ئېلىنغاندۇر. بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنجى كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن
ئەقىقە قىلىنىدۇ، ئىسم قويۇلىدى ۋە بېشى چۈشۈرۈلىدۇ.»(ئەھمەد 5-7؛ ئەبۇ
داۋۇد 2837؛ تىرمىزى 1522؛ نەسائىي 7-166؛ ھاكىم-مۇستەدرەك 4-237؛ ھاكىم سەھىھ
دېگەن؛ زەھەبى سەھىھلىكىگە قوشۇلغان. ئەلبانى ‹سەھىھ نەسائىي› 3936-دە ‹سەھىھ›
دېگەن)
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«رەسۇلۇللاھ
ھەسەن ئۈچۈن بىر قوي ئەقىقە قىلدى ۋە ‹ئى پاتىمە! ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈڭ ۋە چېچىنىڭ
ئېغىرلىقى مىقدارىدا كۈمۈش سەدىقە قىلىڭ› دەپ بۇيرۇدى.»(ئەھمەد 6-390؛
مالىك- مۇۋەتتائ 259-بەت؛ تىرمىزى 1519؛ ھاكىم 4-237؛ بەيھەقى 9-304؛ ئەلبانى
‹سەھىھۇت تىرمىزى› 1226-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
پىم
[پەرزەنت
تەربىىيسى]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بالىلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارغا ناماز ئوقۇشنى
بۇيرۇڭلار. ئون ياشقا كىرىپمۇ (ناماز ئوقۇمىسا) ئۇرۇڭلار ۋە ئوغۇل بالا بىلەن قىز
بالىنىڭ ياتىدىغان يېرىنى ئايرىۋېتىڭلار.»(ئەھمەد 3-201؛ ئەبۇ داۋۇد
494؛ تىرمىزى 407؛ تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن. ھاكىم ‹مۇستەدرەك› 1-201 دە
سەھىھ دېگەن. ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 247-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
تىم
[تالاق]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: سابىت ئىبنى
قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ
«ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن سابىت ئىبنى قەيىسنى ئەخلاقى ۋە دىنى جەھەتتىن
ئەيىبلىمەكچى ئەمەس. بىراق، ئىسلامدا تۇرۇپ كۇفۇرغا چۈشۈپ قېلىشنى يامان كۆرىمەن»
دېدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇنىڭغا (يەنى سابىتقا) باغچىسىنى قايتۇرۇپ بېرەمسىز؟» دەپ
سورىدى. سابىتنىڭ ئايالى «شۇنداق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ (سابىت
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا):«باغچىنى ئال، ئۇنى بىر تالاق
قىل» دېدى.(بۇخارى 5273)
«بىراق، ئىسلامدا تۇرۇپ كۇفۇرغا چۈشۈپ قېلىشنى يامان كۆرىمەن» يەنى: ئۇنىڭ
نىكاھىدا قالسام كۇفۇرغا ئېلىپ بارىدىغان بىر ئىش قىلىپ قويۇشتىن
قورقىمەن.(فەتھۇلبارى 5273-ھەدىسنىڭ شەرھى)[تەپسىلىي بايانلار: فەھۇل بارى 10-628]
بۇ ھەدىستىكىسى خۇلئى تالاقتۇر. ئېرى بىلەن قەتئىي تۇتماسلىق نىيىتىگە كېلىپ
بۇ نىيىتىدىن يانمىغان ئايال ئۆزى ئالغان مەھر ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئېرى بىلەن
ئاجرىشىدۇ. بۇ ھالەتتىكى ئايالنى ئېرىنىڭ قويۇپ بەرمەي تۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئايالىنى ھەيزدار ھالەتتە تالا قىلدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ توغرۇلۇق ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «ئايالىغا قايتسۇن، ھەيزدىن پاكلانغاندا خالىسا تالاق
قىلسۇن» دېدى.(بۇخارى 5252؛ مۇسلىم 1471)
[تاھارەت ئېلىش]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تاھارەتسىز ئوقۇلغان نامازنى ۋە غەنىمەت مالدىن
ئوغرىلانغان سەدىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ.»(مۇسلىم 224)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارىتىنى سۇندۇرغان كىشى تاكى تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ
ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ.»(مۇسلىم 223)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەت ئالغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغۇچىغا
تاھارەت يوق.»(ئىمام ئەھمەد 2-424؛ ئەبۇ داۋۇد 175؛ ئەلبانى ‹سەھىھ›
دېگەن. ئىرۋائۇل غەلىل 1-127)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بۇرنۇڭغا
سۇ ئالغاندا –روزىدار بولمىغانلا ھالەتتە- سۇنى بۇرنىڭغا بەك سۈمۈرت»
دېگەن.(ئەبۇ داۋۇد 142؛ نەسائىي 87؛ ئەلابنى سەھىھ نەسائىي 85-تە ‹سەھىھ› دېگەن)
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت
ئالغاندا بىلەكلىرىنى ياخشى ئۇۋلاپ يۇياتتى.»(ئىبنى ھىببان 1082؛ بەيھەقى-سۈنەن كۇبرا 1-196؛ ھاكىم 1-243؛ ئىبنى خۇزەيمە
1-62؛ ئىمام ئەھمەد 4-39)
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (تاھارەت
ئالغاندا) سۇنى ئېڭىكى ئاستىغا يەتكۈزەتتى ۋە سۇ بىلەن ساقىلىنى ئارىلايتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 145؛ ئەلبانى-ئەلئىرۋائ-92-دە سەھىھ دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايىقىنى كىيىش،
چاچ تاراش، تاھارەت ئېلىش، جۈملىدىن پۈتۈن ئىشلىرىنى ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى
كۆرەتتى.(بۇخارى 168؛ مۇسلىم 26)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «(تاھارەت
ئەزالىرىنى) بىر قېتىمدىن، ئىككى قېتىمدىن، ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالغانلىقى
بايان قىلىنغان.»(بۇخارى 157؛ مۇسلىم 226)
* يۈز، قول ۋە پۇتلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش. ئەزالارنى بىر قېتىم يۇيۇش پەرز،
ئۈچ قېتىم يۇيۇش مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇشۇنداق قىلغان. (فىقھۇل مۇيەسسەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھەر كىم ئەزالىرىنى ياخشى يۇيۇپ تاھارەت ئالغاندىن
كېيىن ‹ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرىيكە لەھۇ، ۋە ئەشھەدۇ
ئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ› دېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتنىڭ سەككىز ئىشىكى
ئېچىلىدۇ، بۇ ئىشىكلەردىن قايسىسىدىن كىرىشنى خالىسا ئۇ ئارقىلىق جەننەتكە
كىرىدۇ.»(مۇسلىم 234)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كۆز مەقئەتنىڭ بوغۇچىدۇر. بۇ سەۋەبلىك، كىم ئۇخلىسا تاھارەت
ئالسۇن.»(ئەبۇ داۋۇد 203؛ ئىبنى ماجە 477؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ›
1-148-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى
نامازنى ساقلىغاچ ئولتۇرغان يېرىدە مۈگدەپ قالاتتى. ئاندىن، تاھارەت ئالماستىن
ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى. (مۇسلىم 376)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالاتتى.»(بۇخارى 214) * ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش مۇستەھەپ. بىر تاھارەت بىلەن
نەچچە ۋاخ ناماز ئوقۇش، تاھارەت قىستىمىغان ھالەتتە دۇرۇس.
[تاھارىتى بۇزۇلۇش]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«چوڭ تەرەت، كىچىك تەرەت ۋە ئۇيقۇ سەۋەبلىك تاھارىتى
بۇزۇلىدۇ»(ئىمام ئەھمەد 4-239؛ نەسائىي 1-83؛ تىرمىزى 96؛ ئەلبانى
ئەلئىرۋائ 1-141-دە ھەسەن دېگەن)
غۇسرە بىنتى رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن: «ئەرلىك ئورگىنىنى تۇتقۇچى تاھارەت
ئالسۇن» (ئەبۇ داۋۇد 181؛ نەسائىي 163؛ تىرمىزى 82؛ ئىبنى ماجە 4479-دە
‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن. ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 1-150-تە سەھىھ دېگەن)
ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا
رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «جىنسىي ئەزاسىنى تۇتقان
كىشى تاھارەت ئالسۇن» دېيىلگەن. (ئۇممۇ ھەبىبە ھەدىسىنى ئىبنى ماجە
481-دە نەقىل قىلغان. بۇ ھەدىسنى ئەلبانى ئەلئىرۋائ 1-151-دە ‹سەھىھ› دېگەن. ئەبۇ
ئەييۇب ھەدىسى ھەققىدە ئەلبانى ‹سەنەدىنى تەكشۈرەلمىدىم› دېگەن. ئەلئىرۋائ 1-151)
[تەيەممۇم
قىلىش]
ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «تەيەممۇم
يۈز ۋە قوللار ئۈچۈن بىر قېتىم ئۇرۇش بىلەن بولىدۇ» دەپ كەلگەن.(ئەھمەد
4-263؛ ئەبۇ داۋۇد 327؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› نىڭ 161-ھەدىسىدە سەھىھ دېگەن)
ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىستە پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «تەيەممۇمنى مۇنداق
قىلىشىڭ يېتەرلىك بولاتتى» دەپ، قوللىرىنى يەرگە بىر قېتىم ئۇرغاندىن كېيىن
چاڭ-توزاننى سىلكىۋېتىپ سول قولى بىلەن ئوڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە، ئوڭ قولى بىلەن سول
قولىنىڭ دۈمبىسىگە مەسىھ قىلغان، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن يۈزىگە مەسىھ قىلغان.»(بۇخارى
347؛ مۇسلىم 368)
[تىرناق ئېلىش]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇنۇ بەش ئىش
فىترەتتىن سانىلىدۇ: ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى تازىلاش، خەتنە قىلىش، بۇرۇتنى قىسقارتىش،
قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش ۋە تىرناق ئېلىش.»(بۇخارى 5889؛ مۇسلىم 257)
ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇنۇ ئون ئىش فىترەتتۇر:
بۇرۇتنى قىرقىش، ساقالنى كامىل قويۇش، مىسۋاك ئىشلىتىش، بۇرنىغا سۇ ئېلىش، تىرناق
ئېلىش، بارماق بوغۇملىرىنى يۇيۇش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى ئېلىش، ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىش
ۋە ئىستىنجا قىلىش.» ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان مۇسئەب
ئىبنى شەيبە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئونىنجىسىنى ئۇنتۇپ قالدىم. ئەمما، بۈيۈك
ئېھتىمالدا ئونىنجىسى ئېغىز چايقاشتۇر.»(بۇسلىم 261)
جىم
[جەننەتكە
كىرىش]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھەر كىم ئەزالىرىنى ياخشى يۇيۇپ تاھارەت ئالغاندىن
كېيىن ‹ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرىيكە لەھۇ، ۋە ئەشھەدۇ
ئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ› دېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتنىڭ سەككىز ئىشىكى
ئېچىلىدۇ، بۇ ئىشىكلەردىن قايسىسىدىن كىرىشنى خالىسا ئۇ ئارقىلىق جەننەتكە
كىرىدۇ.»(مۇسلىم 234)
[جۈمە
خۇتبىسى]
جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە
ئوقۇيتتى، ئاندىن ئولتۇراتتى، ئاندىن يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى. كىم
ساڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇغانلىقىنى
ئېيتسا، يالغان ئېيتقان بولىدۇ.»(مۇسلىم 862)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆرە تۇرۇپ ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى؛ ئىككى خۇتبىنىڭ
ئارىسىنى بىر ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىيتتى.»(بۇخارى 928؛ مۇسلىم 861)
ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق
دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«كىشىنىڭ نامازنى ئۇزۇن،
خۇتبىنى قىسقا ئوقۇشى دىننى ياخشى بىلىشىنىڭ ئالامىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن،
نامازلىرىڭلارنى ئۇزۇن ئوقۇڭلار، خۇتبىنى قىسقا ئوقۇڭلار.»(مۇسلىم 869)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە بېرىۋاتقاندا گەپ قىلغان كىشى كىتاب
يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ.»(ئەھمەد 1-230؛ ئىبنى ھەجەر
‹بۇلۇغۇلمەرام› دا ‹(بۇ ھەدىسنىڭ) سەنەدىدە مەسىلە يوق› دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا ھەمراھىڭغا ‹جىم تۇر› دېسەڭمۇ،
ئورۇنسىز سۆز قىلغان بولىسەن.»(بۇخارى 394؛ مۇسلىم 851)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىرەيلەننىڭ
جامائەتنىڭ مۈرىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا «ئولتۇر، ئەزىيەت
بېرىۋاتىسەن» دېگەن.(ئەبۇ داۋۇد 1118؛ نەسائى
3-103؛ ھاكىم 1-288؛ ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن. زەھەبى سەھىھلىكىگە قوشۇلغان. ئەلبانى
‹سەھىھۇل ئىبنى ماجە› 916-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
[جۈمە
نامىزى]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى جۈمە كۈنى غۇسل قىلسا ... ئاندىن بېرىپ ئىككى كىشىنىڭ
ئارىسىنى ئايرىۋەتمەستىن ئۆزى ئۈچۈن تەقدىر قىلىنغىنى بويىچە ناماز ئوقۇسا ... بۇ
جۈمەدىن يەنە بىر جۈمەگىچە بولغان (كىچىك) گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.»(بۇخارى
910)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە نامىزىنى قۇياش غەربكە قىيسايغاندا ئوقۇيتتى.
(بۇخارى 904) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى
يولىمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش بولغان. (فەتھۇل بارى، 2-450)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جۈمە نامىزىدىن بىر رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن كىشى نامازغا
ئۈلگۈرگەن ھېسابلىنىدۇ.»(ئىبنى ماجە 1121؛ ئەلبانى: سەھىھۇ سۇنەن ئىبنى
ماجە 927-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
جۈمە نامىزىدا قىرائەت
جۈمە نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتىدە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن سۈرە جۇمۇئەنى ئوقۇش،
ئىككىنچى رەكئىتىدە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن سۈرە سۈرە مۇنافىقۇننى ئوقۇش
سۈننەتتۇر.(مۇسلىم 344) ياكى، بىرىنجى رەكئەتتە سۈرە ئەئلانى، ئىككىنجى رەكئەتتە
سۈرە غاشىيەنى ئوقۇش سۈننەتتۇر. (مۇسلىم 878)
[جىنسىي
مۇناسىۋەت]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار ئايالى بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن،
يەنە قايتا بىللە بولماقچى بولسا تاھارەت ئالسۇن.»(مۇسلىم 308)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) جۇنۇپ ھالەتتە
ئۇخلىماقچى بولسا، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت
ئالاتتى.»(مۇسلىم 305)
[جۇنۇپلۇق]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) جۇنۇپ ھالەتتە
ئۇخلىماقچى بولسا، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت
ئالاتتى.»(مۇسلىم 305)
[جۇنۇپلۇقتىن
پاكلىنىش]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن غۇسل قىلماقچى بولسا
ئاۋۋال قوللىرىنى يۇياتتى. ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا سۇ تۆكۈپ ئەۋرىتىنى
يۇياتتى. ئاندىن، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى.»(مۇسلىم
316)
چىم
[چاچ تاراش]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايىقىنى كىيىش،
چاچ تاراش، تاھارەت ئېلىش، جۈملىدىن پۈتۈن ئىشلىرىنى ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى
كۆرەتتى.(بۇخارى 168؛ مۇسلىم 26)
[چەكلىمە]
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۇرغۇن سۇغا سىيىشنى چەكلىگەن. (مۇسلىم
281؛ بۇنىڭغا يېقىن ئىپادە-بۇخارى 239)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار كىچىك تەرەت قىلسا ئوڭ قولى بىلەن
ئەۋرىتىنى تۇتمىسۇن، ئوڭ قولى بىلەن ئىستىنجا قىلمىسۇن.» (بۇخارى 154؛
مۇسلىم 267؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى بۇخارىنىڭ)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۆڭەك ياكى ھايۋاناتلارنىڭ
چىقىرىندى-تېزەكلىرى بىلەن پاكلىنىشنى چەكلىگەن. (مۇسلىم 263)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ئايال كىشىنىڭ
مەھرەمسىز ھالدا بىر كېچە-كۈندۈزلۈك سەپەر قىلىشى ھالال ئەمەس.»(بۇخارى
1088؛ مۇسلىم 1339)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لا تشربوا
في آنية الذهب والفضة ولا تأكلوا في صحافها فإنها لهم في الدنيا ولكم في الآخرة)«ئالتۇن ۋە كۆمۈش چىنە قاچىلاردا ئىچىملىك ئىچمەڭلار، ئالتۇن
ۋە كۆمۈش قاچىلاردا تاماق يېمەڭلار. چۈنكى، بۇلار دۇنيادا كاپىرلارغا، ئاخىرەتتە
سىلەرگە (مۇئمىنلەرگە) ئائىتتۇر.»(بۇخارى 5426؛ مۇسلىم 2067)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (الذي يشرب في آنية الفضة إنما يجرجر في بطنه
نار جهنم)«كۆمۈش چېنە-قاچىلاردا ئىچكەن كىشى قارنىغا پەقەت
جەھەننەمنىڭ ئوتىنى تولدۇرغان كىشىدۇر.»(بۇخارى 5634؛ مۇسلىم 2065)
ئەنەس رەرزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن:
(انكسر
قدح رسول الله صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فاتخذ مكان الشعْب سلسلة من فضة)«رەسۇلۇللاھنىڭ چېنىسى سۇنۇپ كېتىۋىدى،
سۇنغان يەرنى كۆمۈش سىم بىلەن ئوڭشىدى.»(بۇخارى 3109)
ئەبۇ سەلەبە رەزيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت
قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز ئەھلى كىتاب ھېسابلىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ
زېمىنىدا ياشايمىز. ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدا يەپ ئىچسەك بولامدۇ؟» دەپ سورىۋىدىم،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدا
تاماق يېمەڭلار. باشقا چېنە-قاچا تاپالمىساڭلار ئۇ ھالدا بۇشقا گەپ. بۇنداق چاغدا
ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىنى يۇيۇۋېتىپ، ئاندىن ئۇ چېنە-قاچىلاردا يەڭلار.»(بۇخارى 5478؛ مۇسلىم 1930)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭمۇ، ساھابىلەرنىڭمۇ بىر مۇشرىك ئايالنىڭ تۇلىمىدىن
تاھارەت ئۈچۈن سۇ ئالغانلىقى سەھىھتۇر.(بۇخارى 344؛ مۇسلىم 1930)
خىم
[خەتنە
قىلىش]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇنۇ بەش ئىش
فىترەتتىن سانىلىدۇ: ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى تازىلاش، خەتنە قىلىش، بۇرۇتنى قىسقارتىش،
قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش ۋە تىرناق ئېلىش.»(بۇخارى 5889؛ مۇسلىم 257)
رىم
[رەسۇلۇللاھ]
ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىس مۇنۇ لەۋىزدە كەلگەن:«(رەسۇلۇللاھ) تاماق يېمەكچى بولسا ياكى ئۇخلىماقچى بولسا
(تاھارەت ئالاتتى).»(مۇسلىم 306)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن غۇسل قىلماقچى بولسا
ئاۋۋال قوللىرىنى يۇياتتى. ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا سۇ تۆكۈپ ئەۋرىتىنى
يۇياتتى. ئاندىن، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى.»(مۇسلىم
316)
ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن رىۋايەتكە بىنائەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئۇ زاتنى
سۆيۈندۈرىدىغان بىر خەۋەر يېتىپ كەلسە، ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا شۈكۈر
قىلىش يۈزسىدىن سەجدە قىلاتتى.(ئەبۇ داۋۇد 2774؛ تىرمىزى 1578؛ ئىبنى
ماجە 1394؛ تىرمىزى ‹بۇ ھەدىس ھەسەن غەرىپتۇر، بىز بۇ ھەدىسنى مۇشۇ سەنەد بىلەنلا
بىلىمىز› دېگەن. ئەلبانى ‹ئىرۋائۇل غەلىل› 2-226-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
[رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرىسام ئۇنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە
قىلىڭلار.»(بۇخارى 9-117؛ مۇسلىم 1337)
زىم
[زاكات]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالتۇن ۋە كۆمۈشلىرىنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشى زاكات
بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك دوزاخ ئوتىغا تاشلىنىپ جازالىنىدۇ. ئاندىن، يا جەننەتكە
ياكى دوزاخقا بارىدىغان يولىنى كۆرىدۇ.»(مۇسلىم 978)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن كىشىلەر تاكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد
(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېگەنگە، نامازنى كامىل
ئوقۇغانغا، زاكاتنى بەرگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئەگەر،
ئۇلار بۇلارنى ئورۇندىسا ـــ ئىسلامنىڭ ھەققى بۇنىڭدىن مۇستەسناـــ مەندىن قېنى
ھەم مېلىنى قوغداق قالىدۇ. (قالغان) ھېسابى ئاللاھقا قالىدۇ.»(بۇخارى
2946؛ مۇسلىم 21)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۇنىڭدا (يەنى زاكاتتا) باينىڭ ۋە ئۆز كۈچى ئارقىلىق پۇل
تاپالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەققى يوق.»(ئەھمەد 5-362؛ ئەبۇ داۋۇد 1633؛
نەسائى 5-99؛ ئەلبانى: سەھىھ نەسائىي 2435 تە ‹سەھىھ› دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«زاكات مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ
نەسەبىدىن كەلگەنلەرگە ھالال ئەمەس. چۈنكى، زاكات ئىنسانلارنىڭ كىرىدۇر.»(مۇسلىم
1072)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سەدىقە (زاكات) بىزگە ھالال ئەمەس؛ شۈبىھسىزكى، بىر قەۋەمنىڭ
ئازادگەردىلىرى ئۇلاردىن سانىلىدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد 1650؛ تىرمىزى 652؛
ھەدىسنىڭ لەۋزى تىرمىزىنىڭ؛ ھاكىم 1-404؛ تىرمىزى ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن. ھاكىم
‹سەھىھ› دېگەن. زەھەبى ھاكىمنىڭ باھاسىغا قوشۇلغان. ئەلبانى ‹سەھىھ تىرمىزى› 530-
دا سەھىھ دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«زاكات بايلاردىن ئېلىنىپ نامراتلارغا بېرىلىدۇ.»
(بۇخارى ۋە مۇسلىم)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەتمەن ساھابىسىدىن بىرىگە مۇنداق
دېگەن:«بىزگە زاكات كەلگۈچە ۋە بىز ساڭا زاكتتىن
بېرىلىشىنى بۇيرۇغىنىمىزغا قەدەر يېنىمىزدا تۇر» (مۇسلىم 1044)
ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ مۇنۇ گېپىمۇ يۇقارقى سۆزىمىزگە دەلىلدۇر. ئەبۇ بەكرى
سىددىق مۇنداق دېگەن:«ئۆز ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھقا
بەرگەن بىر ئوغلاقنى بەرمەيدىغان بولسا، (ئۇلاردىن زاكاتنى) ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار
بىلەن ئۇرۇشىمەن.»(بۇخارى 1400؛ مۇسلىم 20)
سىم
[ساقال
قويۇش]
ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بۇرۇتنى قىسقارتىپ، ساقالنى كامىل قويۇڭلار. مەجۇسىيلارغا
خىلاپ يول تۇتۇڭلار.»(مۇسلىم 260)
ئىبنى ئۆمەردىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇشرىكلارغا خىلاپ ئىش قىلىپ ساقالنى كامىل قويۇڭلار،
بۇرۇتنى كېسىڭلار.»(بۇخارى 5892؛ مۇسلىم 258؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى بۇخارىغا
ئائىت)
ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇنۇ ئون ئىش فىترەتتۇر:
بۇرۇتنى قىرقىش، ساقالنى كامىل قويۇش، مىسۋاك ئىشلىتىش، بۇرنىغا سۇ ئېلىش، تىرناق
ئېلىش، بارماق بوغۇملىرىنى يۇيۇش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى ئېلىش، ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىش
ۋە ئىستىنجا قىلىش.» ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان مۇسئەب
ئىبنى شەيبە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئونىنجىسىنى ئۇنتۇپ قالدىم. ئەمما، بۈيۈك
ئېھتىمالدا ئونىنجىسى ئېغىز چايقاشتۇر.»(بۇسلىم 261)
[سالام
بېرىش]
«پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىچىك تەرەت
قىلىۋاتقاندا بىر كىشى ئۇ زاتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ سالام بېرىۋىدى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋاب قايتۇرمىدى.»(مۇسلىم 370)
[سەپەر:
ئايال كىشىنىڭ سەپىرى]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بىر ئايالنىڭ
ئۆزى بىلەن بىللە دادىسى، ئوغلى، يولدىشى، ئاكا ياكى ئىنىسى، ۋەياكى ئۇنىڭ مەھرەم ھېسابلىدىغان
ھەر قانداق بىر تۇغقىنى بولمىغان ھالدا ئۈچ كۈن ياكى ئۇنىڭ ئارتۇق مۇساپىگە سەپەر
قىلىشى ھالال ئەمەس.»(مۇسلىم 1340)
رەسۇلۇللاھنىڭ «ئايالىم ھەجگە ماڭدى، مەن پالانى غازاتقا
قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتتىم» دېگەن ئادەمگە «بېرىپ ئايالىڭ بىلەن ھەج قىل» (بۇخارى 1862؛ مۇسلىم 1341)
[سەجدە]
[سەجدە:
شۈكۈر سەجدىسى]
ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن رىۋايەتكە بىنائەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئۇ زاتنى
سۆيۈندۈرىدىغان بىر خەۋەر يېتىپ كەلسە، ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا شۈكۈر
قىلىش يۈزسىدىن سەجدە قىلاتتى.(ئەبۇ داۋۇد 2774؛ تىرمىزى 1578؛ ئىبنى ماجە
1394؛ تىرمىزى ‹بۇ ھەدىس ھەسەن غەرىپتۇر، بىز بۇ ھەدىسنى مۇشۇ سەنەد بىلەنلا
بىلىمىز› دېگەن. ئەلبانى ‹ئىرۋائۇل غەلىل› 2-226-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
[سەدىقە]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تاھارەتسىز ئوقۇلغان نامازنى ۋە غەنىمەت مالدىن
ئوغرىلانغان سەدىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ.»(مۇسلىم 224)
فىم
[فىتىر
زاكىتى]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىستە
ئىپادىلىنىدۇ:
«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنى
روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن يامان سۆزلەردىن ۋە قىلغان بىھۇدە ئىشلاردىن
پاكلىنىشى؛ يوقسۇللارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن پەرز
قىلغان.»(ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1827؛ ھاكىم 1-409، سەھىھ
دېگەن؛ نەۋەۋى ‹ئەلمەجمۇئ› ناملىق ئەسىرىدە ‹ھەسەن› دېگەن. ئەلبانى سەھىھ ئىبنى
ماجە 1492-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنىڭ كىشىلەر ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى
بېرىلىشىنى بۇيرۇدى.»(بۇخارى 1503؛ مۇسلىم 984) * فىتىر زاكىتىنى بېرىشتىكى دۇرۇس ھېسابلانغان ۋاقىت ـــ ھېيىت كۈنىدىن بىر ياكى
ئىككى كۈن ئاۋۋالدۇر. چۈنكى، ساھابە كىراملاردىن ئىبنى ئۇمەر ۋە بەزىلىرى مۇشۇنداق
قىلغان. (فىقھۇل مۇيەسسەر)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم فىتىر سەدىقىسىنى نامازدىن ئاۋۋا بەرسە، بەرگىنى قوبۇل
قىلىنغان زاكات ھېسابىدا بولىدۇ. كىم ئۇنى نامازدىن كېيىن بەرسە، بەرگىنى پەقەت
سەدىقىلەردىن بىر سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە
1872؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 843-تە ‹ھەسەن› دېگەن.)
ق
[قەلەم]
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈچ تۈرلۈك كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلۈپ
كەتكەن (يەنى ئۇلار خاتا ئىش قىلسا گۇناھ يېزىلمايدۇ). ئۇخلاپ قالغۇچى ئويغانغانغا
قەدەر، كىچىك بالا بالاغەت يېشىغا يەتكەگە قەدەر ۋە ئەقلى جايىدا ئەمەس كىشى
ئەقلىگە كەلگەنگە قەدەر.»(ئەبۇ داۋۇد 4401؛
ئىبنى ماجە 2041؛ ئەلبانى ئەلئىرۋائ 297-دە سەھىھ دېگەن)
[قۇرئان]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «قۇرئاننى
پەقەت پاك بولغانلار تۇتىدۇ» دېگەن.(مۇۋەتتائ ئىمام مالىك 1-199؛ داراقۇتنى
1-121؛ بەيھەقى 1-87؛ ھاكىم 1-395؛ ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ›
122-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
[قۇرئان
ئوقۇش]
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى جۇنۇبلۇقتىن
باشقا ھېچنەرسە قۇرئان ئوقۇشتىن توسۇپ قويمايتتى.»(ئەھمەد 1014؛ ئىبنى
ماجە 594؛ تىرمىزى 146-دە ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن؛ ھاكىمدا مۇستەدرەك 4-107-دە سەھىھ
دېگەن؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى ‹ئەتتەلخىسۇل خەبىر 1-139- دا› ئىبنۇس سەكەن،
ئابدۇلھەق، بەغەۋىي قاتارلىقلارنىڭ ‹سەھىھ› دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان، شۇئبەنىڭ بۇ
ھەدىسنى ھەسەن دېگەنلىكىنى بايان قىلغان)
[قۇلاق]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «قۇلاق
باشنىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن.(تىرمىزى 37؛ ئىبنى ماجە 443؛ ئەلبانى
‹سىلسىلەتۇس سەھىھە› 36-دە سەھىھ دېگەن)
كىم
[كەئبە:
كەئبىنى تاۋاپ قىلىش]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاۋۋال تاھارەت
ئالغان، ئاندىن كەئبىنى تاۋاپ قىلغان.(بۇخارى 1614؛ مۇسلىم 1235)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كەئبىنى تاۋاب قىلىشمۇ ناماز جۈملىسىدىن. بىراق، ئاللاھ
تاۋاپ جەريانىدا گەپ قىلىشنى مۇباھ قىلغان.»(ئىبنى ھىببان 3836؛ ھاكىم
1-459-‹سەنەدى سەھىھ› دېگەن؛ زەھەبى سەھىھلىكىگە قوشۇلغان؛ بەيھەقى 5-87؛ ئەلبانى
‹ئەلئىرۋائ› 121-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيزدار
ئايالنىڭ پاكلانمىغۇچە كەئبىنى تاۋاپ قىلماسلىقىنى بەلگىلىگەن.(بۇخارى 305؛ مۇسلىم 1211)
لىم
[لائىلاھە
ئىللەللاھ]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنىڭ ئومۇمىي مەنىسى
بۇنى كۆرسىتىدۇ:«مەن ئىنسانلار ‹لائىلاھە
ئىللەللاھ› دېگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا بۇيرۇلدۇم. ئۇلار بۇنى دېسە ـــ
ئۆلتۈرۈلۈشنى ھەق قىلغانلىرىدىن باشقىلىرى ـــ مەندىن قېنىنى ۋە مېلىنى قوغداپ
قالىدۇ.»(بۇخارى 25؛ مۇسلىم 21)
[لەنەت]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«لەنەتكە قالىدىغان ئۈچ ئىشتىن يىراق تۇرۇڭلار: (ئۇلار)
(كىشىلەر پايدىلىنىدىغان) سۇنىڭ بويىغا، يولغا ۋە سايىگە تەرەت قىلىشتۇر.»(ئەبۇ
داۋۇد 26؛ ئىبنى ماجە 328؛ سەنەدى ھەسەن؛ ئەلبانى: ئىرۋائۇل غەلىل 1-100)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «لەنەتكە سەۋەب
بولىدىغان ئىككى ئىشتىن ساقلىنىڭلار» دېۋىدى، ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!
لەنەتكە سەۋەب بولىدىغان ئىككى ئىش قايسى؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىشىلەر كېتىپ كېلىپ تۇرىدىغان يولغا ياكى ئۇلار سايىدايدىغان
يەرلەرگە تەرەت قىلىشتۇر» دېدى. (مۇسلىم 269)
مىم
[مەھر
ھەققى]
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان
قىلىنغىنىدەك، رەسۇلۇللاھقا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئايالنى رەسۇلۇللاھ سەھل
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىكاھلىماقچى بولۇپ «ئايالغا تۆمۈر ئۈزۈك چاغلىق نەرسە
بولسىمۇ بەر» دېگەن.(بۇخارى 5149؛ مۇسلىم
1425)
[مۇرتەد]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم دىنىنى (ئىسلامدىن باشقىغا) ئۆزگەرتسە ئۇنى
ئۆلتۈرۈڭلار.»(بۇخارى 6524)
ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كاپىر بولغىنىنى،
بىراق تەۋبە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆلتۈرۈلگىنىنى ئاڭلاپ مۇنداق
دېگەن:«نېمىشقا ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن
قاماققا ئېلىپ، يېيىشى ئۈچۈن كۈنىگە بىر تال نان بېرىپ تەۋبە قىلىشىنى تەلەپ
قىلمىدىڭلار. بەلكىم، تەۋبە قىلار بولغۇيتتى ياكى رەببىنىڭ ئەمرىگە قايتار
بولغۇيتتى. ئاللاھىم، مەن ئۇ يەردە ئەمەسمەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ماڭا يېتىپ
كەلگەندىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا رازى بولمىدىم.»(مالىك-مۇۋەتتائ 2-737؛
16-نومۇر، سەھىھ ھەدىس)
[مىسۋاك]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مىسۋاك قوللىنىش ئېغىزنى پاكلايدۇ، ئاللاھ تائالانى رازى
قىلىدۇ.»(بۇخارى 2-40؛ مۇسنەد ئەھمەد 6-47؛ نەسائى 1-10؛ ئەلبانى ئىرۋا
1-105 تە سەھىھ دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەگەر ئۈممىتىمنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويماي دېسەم، ئۇلارنى
ھەر ناماز ئۈچۈن مىسۋاك قوللىنىشقا بۇيرۇيتتۇم.»(بۇخارى 887؛ مۇسلىم
252)
مىقداد ئىبنى شۇرەيھ دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم ئۆيگە كىرىپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشى قايسى ئىدى؟› دەپ سورىدىم. ئائىشە
ئانىمىز ‹ئېغىزىنى مىسۋاكلايتتى› دېدى.»(مۇسلىم 253)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېچىسى ئۇيقۇدىن
تۇرغاندا چىشىنى مۇكەممەل ھالەتتە مىسۋاكلايتتى.(بۇخارى 245؛ مۇسلىم 255)
[ناماز]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تاھارەتسىز ئوقۇلغان نامازنى ۋە غەنىمەت مالدىن
ئوغرىلانغان سەدىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ.»(مۇسلىم 224)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارىتىنى سۇندۇرغان كىشى تاكى تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ
ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ.»(مۇسلىم 223)
بىر بەدەۋىي كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھ مېنىڭ
ئۈستۈمگە پەرز قىلغان نامازلار قايسىلار؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بىر كېچە كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازدۇر...» دېدى.(مۇسلىم 11)
[ناماز: بالىلار قاچان ناماز باشلايدۇ؟]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بالىلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارغا ناماز ئوقۇشنى
بۇيرۇڭلار. ئون ياشقا كىرىپمۇ (ناماز ئوقۇمىسا) ئۇرۇڭلار ۋە ئوغۇل بالا بىلەن قىز
بالىنىڭ ياتىدىغان يېرىنى ئايرىۋېتىڭلار.»(ئەھمەد 3-201؛ ئەبۇ داۋۇد
494؛ تىرمىزى 407؛ تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن. ھاكىم ‹مۇستەدرەك› 1-201 دە
سەھىھ دېگەن. ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 247-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ناماز ئۈچۈن قامەت ئېيتىلغاندا پەرز نامازدىن باشقا ناماز
ئوقۇلمايدۇ.»(مۇسلىم 710)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەرز ناماز ئۈچۈن قامەت ئوقۇلغاندا
نەپلە ناماز ئوقۇغان ئادەمگە:«بامدات نامىزىنى تۆت
رەكئەت ئوقۇماقچىمۇسەن؟» دېگەن.(مۇسلىم 711)
[ناماز
شەكلى]
مالىك ئىبنى خۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازغا كىرسە
‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەيتتى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرەتتى. رۇكۇغا بارسا قوللىرىنى
كۆتۈرەتتى، بېشىنى رۇكۇدىن كۆتۈرگەندە يەنە قوللىرىنى كۆتۈرەتتى ۋە رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازنى مۇشۇنداق ئوقۇغانلىقىنى ئېيتاتتى.(مۇسلىم 391)
[ناماز:
بالىلار قاچان ناماز باشلايدۇ؟]
[نامازدا
ئىماملىق]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا ئىمام بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق
كىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«جامائەتكە
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياخشىراق ئوقۇيالايدىغان كىشى ئىمام
بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇشتا تەڭداش بولسا سۈننەتنى ياخشىراق بىلگۈچى
ئىمام بولىدۇ. سۈننەتنى بىلىشتە تەڭداش بولسا، ئۇ ھالدا باشتىراق ھىجرەت قىلغۇچى
ئىمام بولىدۇ. ئەگەر ھىجرەت قىلىشتا ئوخشاش بولسا، باشتىراق مۇسۇلمان بولغۇچى
ئىمام بولىدۇ.»(مۇسلىم 673)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرەيلەن باشقا بىرىگە ئۇنىڭ ئۆيىدە، ياكى ئۇنىڭ ھوقۇقلۇق
يېرىدە ئىمام بولمايدۇ.»(مۇسلىم 673)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «بىرەيلەن
باشقا بىرىگە ئۇنىڭ ئۆيىدە، ياكى ئۇنىڭ ھوقۇقلۇق يېرىدە ئىمام بولمايدۇ»(مۇسلىم
673) * ئۆي ئىگىسى قۇرئاننى
تەجۋىدلىك ئوقۇيالمايدىغان ـــ بەزى ھەرىپلەرنى توغرا چىقىرالمايدىغان،
سوزمايدىغان يەردە سوزۇپ، توختىمايدىغان يەردە توختىۋالىدىغان ... ھالەتتە
تەجۋىدنىڭ ئەڭ ئاساس قائىدىلىرىنىمۇ بەجا كەلتۈرەلمەيدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۆي
ئىگىسى ئەمەس، مېھمان ئىماملىق قىلىدۇ. باشتىكى ھەدىس بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ.
شۇنداقلا، فىقھىي ئالىملار تەجۋىدى توغرا كىشىنىڭ تەجۋىدى بۇزۇق كىشىگە ئىقتىدا
قىلىپ ناماز ئوقۇشىنى دۇرۇس ئەمەس دېگەن. ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىگە ئىماملىق
قىلىشى ئۈممەتنىڭ ئىجمائى بىلەن ھارام.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈچ خىل كىشىنىڭ نامىزى بېشىدىن بىر غېرىچمۇ ئۆرلىمەيدۇ:
(بۇنىڭ بىرى) باشقىلار ياقتۇرمىغان ھالەتتە ئىماملىق قىلغۇچى...»(ئىبنى
ماجە 971؛ نەۋەۋىي ‹ئەلمەجمۇئ› 4-154 تە ھەسەن دېگەن. ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە
792-دە ھەسەن دېگەن)
مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇدتا مۇنۇ ھەدىس بايان قىلىنغان:«جابىر ۋە جەببارنىڭ بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول
تەرىپىدە نامازغا تۇرۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى كەينىدە
تۇرغۇزدى.»(مۇسلىم 3010)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ
ئۇلارغا ئىمام بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئىمام بولۇپ ئالدىغا چىقتى، بىز ئۇ
زاتنىڭ ئارقىسىدا تۇردۇق، ئۇ زات بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز قىلدى.»(مۇسلىم
659)
ئىمامدىن باشقا بىرلا كىشى بولغان تەقدىردە، ئۇ كىشى ئىمامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە
ئىمام بىلەن يانداش تۇرىدۇ. چۈنكى، ئىبنى ئابباس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمنىڭ سول تەرىپىدە نامازغا تۇرغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئوڭ تەرىپىگە
ئۆتكۈزۈپ قويغان. ئىبنى مەسئۇدنىمۇ شۇنداق قىلغان. (مۇسلىم 3010)
ئىمامنىڭ جامائەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا (يەنى سەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا) تۇرۇشىمۇ توغرا.
چۈنكى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەلقەمە
بىلەن ئەسۋەد رەھىمەھۇللاھلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى ۋە
«رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى.(ئەبۇ داۋۇد 613،
ئەبۇ داۋۇد سەھىھ دېگەن؛ ئىرۋائۇل غەلىل 2-319) بىراق، ئىمامنىڭ جامائەتنىڭ
ئوتتۇرىسىدا تۇرۇشى زۆرۈرىيەت ھالىتىدە بولىدۇ. ئەڭ پەزىلەتلىكى ئىمامغا ئىقتىدا
قىلغۇچىلارنىڭ ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشىدۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمام پەقەت ئۇنىڭغا ئەگىلىشى ئۈچۈن تۇرغۇزۇلدى. (ئىمام)
قىرائەت قىلسا قۇلاق سېلىڭلار.»(ئەبۇ داۋۇد 604؛ نەسائىي 1-146؛ ئىبنى
ماجە 846؛ ئەھمەد 2-420؛ ئەلبانى ھەسەن سەھىھ دېگەن)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمگە بىراۋ ئىمام بولسا، ئىمامنىڭ قىرائىتى ئۇنىڭمۇ
قىرائىتى ھېسابلىنىدۇ.»(ئەھمەد 3-339؛ ئىبنى ماجە 850؛
ئەلبانى-‹ئەلئىرۋائ› نىڭ 500-نومۇرلىقىدا ‹ھەسەن› دېگەن)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمام ئۇنىڭغا ئەگىشىلىشى ئۈچۈن تۇرغۇزۇلدى. شۇڭا، ئىمام
‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دېسە، سىلەرمۇ ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەڭلار. ئۇ رۇكۇ قىلسا سىلەرمۇ
رۇكۇ قىلىڭلار. ئۇ ‹سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە› دېسە، سىلەر ‹رەببەنا ۋەلەكەل
ھەمدۇ› دەڭلار. ئىمام سەجدە قىلسا، سىلەرمۇ سەجدە قىلىڭلار.»(بۇخارى
389؛ مۇسلىم 411)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن ئاۋۋال رۇكۇغا، سەجدىگە بارماڭلار، مەندىن ئاۋۋال
قىيام ئۈچۈن تۇرماڭلار.»(مۇسلىم 416)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرگەن كىشى، بېشىنىڭ ئېشەكنىڭ
بېشىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىشىدىن قورقمامدىغاندۇ؟»(بۇخارى 691؛ مۇسلىم
427)
[نامازدىكى
سەپ]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاراڭلاردا بالاغەتكە يەتكەن، ئەقىل ئىگىلىرى ماڭا يېقىن
تۇرسۇن. ئاندىن، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر، ئاندىن ئۇلاردىن كېيىنلەر تۇرسۇن.»(مۇسلىم
432)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەگەر كىشىلەر ئەزان توۋلاشنىڭ ۋە بىرىنجى سەپتە تۇرۇشنىڭ
قانداق (بۈيۈك نېئمەت) ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، بۇنى تالىشىش ئۈچۈن چەك
تارتىشتىن باشقا يول تاپالمىسا، چوقۇم ئارىسىدا چەك تاشلىغان بولاتتى.»(مۇسلىم
437)
ئاياللارنىڭ ئارقا سەپتە تۇرۇشى مۇستەھەب. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەرلەرنىڭ سېپىنىڭ
ياخشىسى ئالدىنقى سەپتۇر، يامىنى ئاخىرقى سەپتۇر. ئاياللارنىڭ سېپىنىڭ ياخشىسى
ئاخىرقى سەپتۇر، يامىنى ئالدىنقى سەپتۇر.»(مۇسلىم 440)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلغان، «سەپلىرىڭلارنى تۈز قىلىڭلار. چۈنكى، سەپلەرنىڭ تۈز بولۇشى
نامازنىڭ ئادا تېپىشىدۇر.»(مۇسلىم 433)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ناماز ئۈچۈن قامەت ئوقۇلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم بىزگە يۈزلىنىپ «سەپلىرىڭلارنى تۈز قىلىڭلار. چۈنكى، مەن سىلەرنى
ئارقامدىن كۆرۈپ تۇرىمەن» دېدى. (بۇخارى 719)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن يەنە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:«بىزدىن بىرىمىزنىڭ مۈرىسىنى يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ مۈرىسىگە،
پۇتىنى يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ پۇتىغا چاپلاپ تۇراتتى.»(بۇخارى 725)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «نېمىشقا
پەرىشتىلەرنىڭ رەببى ھوزۇرىدا سەپ تۈزگىنىدەك سەپ تۈزمەيسىلەر؟» دېۋىدى، ساھابىلەر
«ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا قانداق سەپ تۈزىدۇ؟»
دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ «باشتىكى سەپلەرنى تولۇقلايدۇ ۋە سەپتە زىچ چاپلىشىپ
تۇرىدۇ» دېدى.(مۇسلىم 430)
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سەپنىڭ
ئارقىسىدا يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ نامىزى يوق.»(ئەھمەد 4-23؛ ئىبنى
ماجە 1003؛ ئىمام ئەھمەد ھەسەن دېگەن؛ بۇسىرى ‹زاۋائىدۇ ئىبنى ماجە› دە سەھىھ
دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 822-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
رەسۇلۇللاھ سەپنىڭ ئارقىسىدا يالغۇز ناماز ئوقۇغان
بىرەيلەننى كۆرۈپ، ئۇنى نامىزىنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇدى. (ئەھمەد 4-228؛ ئەبۇ داۋۇد 682؛ تىرمىز 230 دا ‹ھەسەن› دېگەن؛ ئىبنى ماجە
1004؛ ئەھمەد شاكىر ‹تىرمىزى ھاشىيەلىرى› دە 1-448-450 تە ‹سەھىھ› دېگەن؛ ئەلبانى
‹سەھىھۇت تىرمىزى› 191-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «مەن ۋە
يېتىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىىسدا سەپ تۈزدۇق، ياشانغان ئايال ئارقىمىزدا تۇردى»
دېيىلگەن.(مۇسلىم 658)
[نامازغا
ئالدىراش]
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالدىدا تۇرۇپ
ماڭا ئەگىشىڭلار. سىلەردىن كېيىن تۇرغانلار سىلەرگە ئەگەشسۇن. بىر تۈركۈم كىشىلەر
كەينىدە تۇرۇشنى داۋام قىلماقتا، ئاقىۋەتتە ئاللاھمۇ ئۇلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ
قويىدۇ.»(مۇسلىم 438)
[نامازنى
ساقلاپ مۈگدەپ قېلىش]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى
نامازنى ساقلىغاچ ئولتۇرغان يېرىدە مۈگدەپ قالاتتى. ئاندىن، تاھارەت ئالماستىن
ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى. (مۇسلىم 376)
[ناماز:
كېسەلنىڭ نامىزى]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن:«نامىزىڭنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇ.
بۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتمىسە ئولتۇرۇپ، بۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتمىسە يانچە يېتىپ ناماز ئوقۇ.»(بۇخارى
1117)
[ناماز:
يولۇچى ۋە مۇساپىرنىڭ نامىزى]
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش
توغرىسىدا سوئال سورىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «(نامازنى
قەسىر قىلىش) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن سەدىقىسىدۇر. ئاللاھنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل
قىلىڭلار» دېدى.(مۇسلىم 686)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«مەن
سەپەردە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئىدىم. ئاللاھ ئۇ زاتنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە ئۇ زات
سەپەردە ئىككى رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمىدى. ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەنمۇ بىللە
سەپەرلەردە بولدۇم، ئۇ زات دە ئاللاھ ۋاپات تاپقۇزغانغا قەدەر ئىككى رەكئەتتىن
ئارتۇق ناماز ئوقۇمىدى...»(مۇسلىم 689) ئاندىن، ئۆمەر ۋە ئوسمان
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنىمۇ بۇ قاتاردا تىلغا ئالدى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ «ئاللاھ
نامازنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن مۇقىم تۇرغاندا تۆت رەكئەت، سەپەر ھالىدە
ئىكى رەكئەت قەسىر قىلىپ پەرز قىلدى» دېگەنلىكىمۇ بۇنىڭ
دەلىلىدۇر.(مۇسلىم 687)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ
نامازنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن مۇقىم تۇرغاندا تۆت رەكئەت، سەپەر ھالىدە
ئىكى رەكئەت قەسىر قىلىپ پەرز قىلدى.»(مۇسلىم 687)
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەبۇك غازىتىدا ئەگەر قۇياش چىڭقى چۈشتىن قايرىلىشتىن ئاۋۋال
يولغا چىقسا، پېشىن نامىزىنى ئەسىر نامىزىغىچە كېچىكتۈرۈپ ئىككى نامازنى جۈپلەپ
ئوقۇيتتى. ئەگەر قۇياش چىقڭى چۈشتىن قايرىلغاندىن كېيىن يولغا چىقسا، پېشىن بىلەن
ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن يولىنى داۋام قىلاتتى. شام ۋە خۇپتەن
نامازلىرىنى يۇقارقىدەك قىلاتتى. (ئەبۇ داۋۇد
1208؛ تىرمىزى 553؛ ئەلبانى ‹ئىراۋۇل غەلىل› 578-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
[نىفاس:
نىفاسدار ئايال]
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە
نىفاسدار ئاياللار قىرىق كۈن ساقلايتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 312؛ تىرمىزى 139؛
ئىبنى ماجە 648؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 1-226-دە ‹مەۋقۇف-زەئىپ› دېگەن)
ھىم
[ھاجەت سۇندۇرۇش]
ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ھاجەت
قىلىش ئۈچۈن بارغاندا ئالدىڭلارنىمۇ، ئارقاڭلارنىمۇ قىبلىگە قاراتماڭلار. بەلكى،
شەرق ياكى غەرب تەرەپكە يۈزلىنىڭلار.» ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
دەيدۇ: كېيىن شامغا كەلدۇق، ئۇ يەردە كەئبە يۆنىلىشىدىكى ھاجەتخانىلارنى كۆردۇق.
ئۇنىڭدا ھاجەت قىلدۇق ۋە ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلىدۇق. (بۇخارى 144؛
مۇسلىم 264)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن ھەدىستە، ئۇ
زات پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئۆيىنىڭ ئىچىدە يۈزىنى شام تەرەپكە،
ئارقىسىنى كەئبە تەرەپكە قىلىپ كىچىك تەرەت قىلغان ھالەتتە كۆرگەن.(بۇخارى 148؛ مۇسلىم 266)
* ئەگەر كىشى تام بىلەن توسۇلغان يەر ئىچىدە ياكى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان بىر
نەرسە بار ھالەتتە (قىبلىگە ئالدى ياكى ئارقىسىنى قىلىپ) ھاجەت قىلسا، بۇنىڭدا ھېچ
گەپ يوق. (فىقھۇل مۇيەسسەردىن)
مەرۋان ئەلئەسغەر مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۇمەر تۆگىسىنى قىبلە تەرەپكە
چۆكتۈردى ۋە ئالدىنى تۆگىسىگە قارىتىپ، ئولتۇرغان ھالەتتە كىچىك تەرەت قىلدى. مەن
«ئى ئابدۇرراھماننىڭ دادىسى! بۇ ئىش چەكلەنمىگەنمىدى؟» دېدىم. ئىبنى ئۇمەر
«شۇنداق، قىبلە بىلەن سېنىڭ ئاراڭ ئوچۇق ھالەتتە تەرەت قىلىشىڭ چەكلەنگەن. بىراق،
سەن بىلەن قىبلە ئارىسىدا سۈترە بولىدىغان بىر نەرسە بولسا، شۇ ھالەتتە تەرەت
قىلىشىڭدا ھېچ گەپ يوق.»(ئەبۇ داۋۇد 11؛ داراقۇتنى 158؛ ھاكىم 1-154؛
داراقۇتنى ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ زەھەبى ھاكىمغا قوشۇلغان. ھافىز ئىبنى ھەجەر،
ئەلخازىمى ۋە ئەلبانىمۇ ‹ھەسەن› دېگەن. ئىرۋائۇل غەلىل 61-ھەدىسكە بېرىلگەن باھاغا
قاراڭ)
جابىر رەزىيەللاھۇ رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىر سەپەرگە چىققان ئىدىم. پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كۆرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە يىراقلاشمىغۇچە ھاجەت
قىلىش ئۈچۈن ئولتۇرمايتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 2؛ ئىبنى ماجە 355؛ لەۋزى ئىبنى
ماجەنىڭ؛ ئىسنادى سەھىھ؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 1-160)
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشى ھاجەتخانىغا
كىرگىنىدە ئادەم بالىسىنىڭ ئەۋرىتىنى جىنلاردىن توسۇپ تۇرىدىغان پەردە كىشىنىڭ
‹بىسمىللاھ› دېيىشىدۇر.»(ئىبنى ماجە 297؛ تىرمىزى 606؛ ئەھمەد شاكىر
تىرمىزى ھاشىيەسىدە ھەسەن دېگەن؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇل جامىئۇسسەغىر› 3611 دە ‹سەھىھ›
دېگەن)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولسا «بسم
الله اللهم إني أعوذ بك من الخبث والخبائث» (ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن؛ ئى ئاللاھ، كۆرىدىغان ۋە
كۆرمەيدىغان نىجاسەتلەردىن ساڭا سېغىنىمەن) دەيتتى. (بۇخارى 142؛ مۇسلىم 375)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەتخانىدىن چىققاندا ‹«غفرانك» (سەندىن مەغفىرەت تىلەيمەن)› دەيتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 17؛ تىرمىزى 7؛ تىرمىزى ‹ھەسەن غەرىب› دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل
جامىئ 4707-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەت قىلماقچى بولسا، يەرگە يېقىنلاشمىغۇچە
كىيىمىنى كۆتۈرمەيتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 14؛ تىرمىزى 14؛ ئەلبانى سەھىھۇل
جامىئ 4652-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۇرغۇن سۇغا سىيىشنى چەكلىگەن. (مۇسلىم
281؛ بۇنىڭغا يېقىن ئىپادە-بۇخارى 239)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار كىچىك تەرەت قىلسا ئوڭ قولى بىلەن
ئەۋرىتىنى تۇتمىسۇن، ئوڭ قولى بىلەن ئىستىنجا قىلمىسۇن.» (بۇخارى 154؛
مۇسلىم 267؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى بۇخارىنىڭ)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«لەنەتكە قالىدىغان ئۈچ ئىشتىن يىراق تۇرۇڭلار: (ئۇلار)
(كىشىلەر پايدىلىنىدىغان) سۇنىڭ بويىغا، يولغا ۋە سايىگە تەرەت قىلىشتۇر.»(ئەبۇ
داۋۇد 26؛ ئىبنى ماجە 328؛ سەنەدى ھەسەن؛ ئەلبانى: ئىرۋائۇل غەلىل 1-100)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «لەنەتكە سەۋەب
بولىدىغان ئىككى ئىشتىن ساقلىنىڭلار» دېۋىدى، ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!
لەنەتكە سەۋەب بولىدىغان ئىككى ئىش قايسى؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىشىلەر كېتىپ كېلىپ تۇرىدىغان يولغا ياكى ئۇلار سايىدايدىغان
يەرلەرگە تەرەت قىلىشتۇر» دېدى. (مۇسلىم 269)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۆڭەك ياكى ھايۋاناتلارنىڭ چىقىرىندى-تېزەكلىرى
بىلەن پاكلىنىشنى چەكلىگەن. (مۇسلىم 263)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ نەزىرىمدە قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاجەت قىلىش
بىلەن بازارنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاجەت قىلىشنىڭ پەرقى يوق.»(ئىبنى ماجە
1567؛ ئەلبانى: ئىرۋائۇل غەلىل، 1-102-دە سەھىھ دېگەن)
«پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىچىك تەرەت
قىلىۋاتقاندا بىر كىشى ئۇ زاتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ سالام بېرىۋىدى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋاب قايتۇرمىدى.»(مۇسلىم 370)
(أن
النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نهى أن يبال في الجُحْر، قيل لقتادة: فما
بال الجحر؟ قال: يقال: إنها مساكن الجن) قەتادە رەھىمەھۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى سەرجەس
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم تۆشۈككە كىچىك تەرەت قىلىشنى چەكلىدى. قەتادەدىن «تۆشۈككە كىچىك تەرەت
قىلىش نېمىشقا چەكلەندى؟» دەپ سورىلىۋىدى «ئېيتىلىشىچە، تۆشۈكلەر جىنلارنىڭ
تۇرالغۇسى ئىكەن» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد 29؛ نەسائى 34؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر
‹ئەتتەلخىس› 1-106 دە ئىبنى خۇزەيمە ۋە ئىبنۇس سەكەننىڭ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگىنىنى
نەقىل قىلغان. ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىنمۇ ‹شەرھۇل مۇمتىئ› 1-95-96 دە بۇ ھەدىسنى
‹كامىدا ھەسەن› دېگەن)
[ھەج]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان
ھەدىستە بىر كىشى بىر كىچىك بالىنى كۆتۈرۈپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، بۇ ھەج قىلسا
بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ «بولىدۇ، (ئۇنى ھەج قىلدۇرۇشۇڭدا) سەن ئۈچۈنمۇ
ساۋاب يېزىلىدۇ» دېدى.(مۇسلىم 1336)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر قانداق كىچىك بالا ھەج قىلغان بولسا، بالاغەتكە
يەتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ھەج قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بىر قۇل قۇل ھالەتتە ھەج
قىلىپ، كېيىن ئازادلىققا ئېرىشسە، ئازادلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم
ھەج قىلىشى كېرەك بولىدۇ.»(مۇسنەد ئىمام شافىي 743؛ بەيھەقى 5-179؛
ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 986-دە سەھىھ دېگەن)
رەسۇلۇللاھنىڭ «ئايالىم ھەجگە ماڭدى، مەن پالانى غازاتقا
قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتتىم» دېگەن ئادەمگە «بېرىپ ئايالىڭ بىلەن ھەج قىل» (بۇخارى 1862؛ مۇسلىم 1341)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاياللارنىڭ جىھاد قىلىش مەجبۇرىيىتى
بارمۇ؟» دەپ سورىغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا
«شۇنداق، ئۇلارغا ئۇرۇشسىز جىھاد باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ھەج ۋە ئۆمرىدۇر»
دېگەن. (ئەھمەد 6-165؛ ئىبنى ماجە 2901؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 2362-دە سەھىھ
دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دادىسى ھەج ۋە ئۆمرە قىلالمىغان،
سەپەرگىمۇ چىقالمىغان ئەبۇ رەزىنگە «داداڭنىڭ ئورنىغا سەن ھەج قىل ۋە ئۆمرە قىل» (ئەبۇ
داۋۇد 1810؛ نەسائىي 5-111؛ ئىبنى ماجە 2904؛ ئەھمەد 1-244؛ ئەلبانى سەھىھ نەسائىي
2473 تە سەھىھ دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەج
ـــ ئارافاتتا تۇرۇشتۇر» دېگەن. (تىرمىزى 889؛ ئەبۇ داۋۇد 1949؛ نەسائى
5-256؛ ھاكىم-مۇستەدرەك 2-278؛ ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن. ئەلبانى، سەھىھ نەسائىي
2822-ھەدىس)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«بەندە
سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا تاۋاپ قىلمىغۇچىلىك، ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ھەججىنىمۇ،
ئۆمرىسىنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ.»(مۇسلىم 1277)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا) مېڭىڭلار، چۈنكى ئاللاھ مېڭىشىڭلارنى
پەرز قىلغان.»(ئەھمەد 6-421؛ ئىبنى خۇزەيمە 2764؛ بەيھەقى 5-98؛
ئەلبانى ‹تەئلىق سەھىھ ئىبنى خۇزەيمەن 4-232-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
[ھەيز:
ھەيزدار ئايال]
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيزدار
ئايالنىڭ پاكلانمىغۇچە كەئبىنى تاۋاپ قىلماسلىقىنى بەلگىلىگەن.(بۇخارى 305؛ مۇسلىم 1211)
ۋىم
[ۋىتىر
نامىزى]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇنداق دېگەن: «ۋىتىر
كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇلىدىغان بىر رەكئەتلىك نامازدۇر.»(مۇسلىم 752-753) * ۋىتىر نامىزىنى بىر رەكئەتلا ئوقۇش دۇرۇس. ۋىتىر نامىزى
ئەڭ كامىدا بىر رەكئەتتۇر.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق بايان قىلغان: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. بۇلارنى قانچىلىك
دەرىجىدە مۇكەممەل، قانچىلىك دەرىجىدە ئۇزۇن ئوقۇغانلىقىنى سورىمايلا قوي. ئاندىن
يەنە تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. بۇلارنى قانچىلىك دەرىجىدە مۇكەممەل، قانچىلىك
دەرىجىدە ئۇزۇن ئوقۇغانلىقىنى سورىمايلا قوي. ئاندىن يەنە ئۈچ رەكئەت ناماز
ئوقۇيتتى.(مۇسلىم 738)
* ۋىتىر نامىزىنى ئۈچ رەكئەت ئوقۇش دۇرۇس.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما (ۋىتىر
نامىزىدا) ئىككى رەكئەتنىڭ ئاخىرىدا سالام بېرەتتى. ھەتتا (سالامدىن كېيىن)
(ئائىلىسىدىكىلەرنى )بەزى ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن بۇيرۇيتتى.(بۇخارى 991) * ئۈچ رەكئەت ۋىتىر نامىزىنى ئىككى سالام بىلەن ئوقۇش دۇرۇس.(فىقھۇل
مۇيەسسەر)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن كەلگەن ھەدىستە:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، پەقەت ئاخىرقى
رەكئەتتىلا (تەشەھھۇد ئۈچۈن) ئولتۇراتتى. (نەسەئىي 3-324؛ ھاكىم 1-304؛ بەيھەقى 3-28؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى بۇخارى
ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ دېگەن، ئىمام زەھەبى بۇ باھاغا قوشۇلغان.
ئىمام نەۋەۋى ‹بۇ ھەدىسنى نەسەئىي ھەسەن سەنەد بىلەن، بەيھەقى سەھىھ سەنەد بىلەن
رىۋايەت قىلغان› دېگەن. ئەلمەجمۇئ 4-17،18) * ئۈچ رەكئەت ۋىتىر نامىزىنى بىرلا
تەشەھھۇد ۋە بىرلا سالام بىلەنلا ئوقۇشمۇ دۇرۇس.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «لَا تُوتِرُوا بِثَلَاثٍ
تُشَبِّهُوا بِالْمَغْرِبِ»«ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش
ئوقۇماڭلار.»(داراقۇتنى 2-24،25؛ ھاكىم 1-304؛ بەيھەقى 3-28؛ بۇ ھەدىسنىڭ لەۋزى
بەيھەقىنىڭ. ھاكىم بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ دېگەن؛
زەھەبىمۇ بۇ باھاغا قوشۇلغان. ئىبنى ھەجەر ‹فەتھۇل بارى› 2-558 دا ‹بۇ ھەدىسنىڭ
سەنەدى بۇخارى ۋە مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ› دېگەن) * ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر
نامىزىنى ئىككى تەشەھھۇد ۋە بىر سالام بىلەن ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئۈچ رەكئەتلىك
ۋىتىر نامىزى بۇ شەكىلدە ئوقۇلسا شام نامىزىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ۋىتىر
نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇش چەكلەنگەن.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېچىدە ئون ئۈچ رەكئەت ناماز قىلاتتى. بۇلارنىڭ بەش
رەكئىتىنى ۋىتىر سۈپىتىدە ئوقۇپ، پەقەت ئەڭ ئاخىرقى رەكئەتتىلا تەشەھھۇدتا
ئولتۇراتتى. (مۇسلىم 737) ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا
مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەتتە رەكئەت ياكى بەش
رەكئەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى. (يەتتە رەكئەتلىك ياكى بەش رەكئەتلىك) بۇ ۋىتىر
نامازلىرىنىڭ ئارىسىنى سالام بىلەنمۇ، گەپ قىلىش بىلەنمۇ ئايرىمايتتى.(ئىبنى
ماجە 1192؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇ سۇنەنى ئىبنى ماجە› 980-دە سەھىھ دېگەن) * ۋىتىر نامىزىنى
پەقەت ئەڭ ئاخىرقى رەكئىتىدىلا ئولتۇرۇش شەرتى بىلەن يەتتە رەكئەت ياكى بەش رەكئەت
ئوقۇشمۇ دۇرۇس.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
[ئۇيقۇ]
[ئۇخلاش]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئۇخلاش ئۈچۈن يوتقانغا كىرىشتىن ئاۋۋال نامازغا تاھارەت
ئالغاندەك تاھارەت ئال. ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ يات...»(بۇخارى
247)
ئىم
[ئىستىنجا]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق
دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«سىلەردىن كىمكى تەرەت
قىلسا ئۈچ تاش بىلەن پاكلانسۇن، چۈنكى بۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك بولىدۇ.»(مۇسنەد
ئىمام ئەھمەد 6-108؛ داراقۇتنى 144؛ داراقۇتنى ‹سەنەدە سەھىھ› دېگەن)
سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىس بايان قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزنى ئوڭ قول
بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، ئۈچتىن ئاز تاش بىلەن پاكلىنىشتىن، ھايۋانات تېزىكى ياكى
سۆڭەك بىلەن پاكلىنىشتىن چەكلىدى.»(مۇسلىم 262)
[ئىسىم قويۇش]
بۇنىڭ دەلىلى ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنىغان مۇنۇ ھەدىستۇر. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر
ئوغلۇم تۇغۇلدى، ئۇنى رەسۇلۇللاھقا ئېلىپ باردىم. ئۇنىڭغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم
قويدى ۋە بىر خورمىنى چايناپ بالىنىڭ تامىقىغا سۈركۈدى.(بۇخارى 6-216؛ مۇسلىم 2145)
Yorumlar
Yorum Gönder