Kayıtlar

جامىئۇس سەغىر تەرتىپ-ئىيمان كىتابى-8~173

جامىئۇس سەغىر تەرتىپ-ۋەھىي كىتابى-1~8

ئىمام سۇيۇتىنىڭ سەھىھ جامىئۇس سەغىردىكى ھەدىسلەرنىڭ مەنبەلىرىنى قىسقارتىپ ئاتىشى

(خ) للبخاري (م) لمسلم (ق) لهما (د) لأبي داود (ت) للترمذي (ن) للنسائي (هـ) لابن ماجه (4) لهؤلاء الأربعة (3) لهم إلا لابن ماجه (حم) لأحمد في مسنده (عم) لابنه عبد اللَّه في زوائده (ك) للحاكم فإن كان في المستدرك أطلقت وإلا بينته (خد) للبخاري في الأدب (تخ) له في التاريخ (حب) لابن حبان في صحيحه (طب) للطبراني في الكبير (طس) له في الأوسط (طص) له في الصغير (ص) لسعيد بن منصور في سننه (ش) لابن أبي شيبة (عب) لعبد الرزّاق في الجامع (ع) لأبي يعلى في مسنده (قط) للدارقطني فإن كان في السنن أطلقت وإلا بينته (فر) للديلمي في مسند الفردوس (حل) لأبي نعيم في الحلية (هب) للبيهقي في شعب الإيمان (هق) له في السنن (عد) لابن عدي في الكامل (عق) للعقيلي في الضعفاء (خط) للخطيب، فإن كان في التاريخ أطلقت وإلا بينته. (خ) للبخاري (م) لمسلم (ق) لهما (د) لأبي داود (ت) للترمذي (ن)

ئاللاھ غەزەپ قىلىدىغان ئىككى كىشى

سالام قىلىش ئەدەپلىرى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر

ئاللاھ تاقتۇر، تاقنى ياخشى كۆرىدۇ.»(ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 1829؛ تەرتىپ سەھىھ جامىئ 8259

مېنىڭ ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ كىشى ھېسابسىز جەننەتكە كېرىدۇ، ئۇلار ئايىتى-شىپا ئوقۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، قۇشلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە سايرىشىدىن شۇم پال ئالمايدۇ، ئۆز پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلغۇچىدۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى 6472-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 218

خالىسىڭىز ئاللاھقا يېلىناي سىزگە شىپالىق ئاتا قىلسۇن دېدى، ئۇ ئايال: سەۋىر قىلىمەن، لېكىن ھۈشۈمدىن كەتسەم ئېچىلىپ قالىمەن، ئاللاھقا مېنىڭ ھۇشۇمدىن كەتكەندە ئېچىلىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايال ئۈچۈن دۇئا قىلدى.» [بۇخارى رىۋايىتى 5652-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2576-ھەدىس

ئاللاھ ئۆز كىتابىدا ھالال قىلغان نەرسە ھالالدۇر. ھارام قىلغان نەرسە ھارامدۇر. ھەققىدە ئاللاھ سۈكۈت قىلغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ ئەپۇسىدۇر. بۇ ۋەجىدىن ئاللاھ سۈكۈت قىلغىنىنى قوبۇل قىلىڭلار-ھاكىم، زەھەبى

ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى خوشنىسىغا ئازار يەتكۈزمىسۇن، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى مېھماننى ياخشى كۈتىۋالسۇن،ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن [بۇخارىي رىۋايىتى5672-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى47-

«ھالاك قىلغۇچى يەتتە خىل گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېدى. ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلار قايسى گۇناھلاردۇر؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«(ئۇلار) ئاللاھقا شېرىك قوشۇش، سېھىرگەرلىك (داخانلىق، باخشىملىق، ئىسسىتقۇ-سويۇتقۇ) قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ھەقسىز ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش؛ ئىپپەتلىك، مۆمىنە ئاياللارغا زىنا بىلەن بۆھتان چاپلاش.»(بۇخارى 2560؛ مۇسلىم 129

گۇناھ توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

رىيازۇس سالىھىن- ياخشىلار باغچىسى ھەدىس توپلىمى-توردا ئوقۇڭ

ھەيز توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر ۋە شەرھى

رەسۇلۇللاھ لەنەت قىلغان كىشىلەر

كىيىم كىيىۋالغىنىغا قارىماستىن يالىڭاچ كۆرىنىدىغان، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن ئېزىپ باشقا ئاياللارنىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشقا زورلىغان ۋە باشلىرىنى تۆگىنىڭ ئەگرى لوكىسىغا ئوخشاش (يوغىنىتىۋالغان) ئاياللاردۇر. مانا مۇشۇنداق ئاياللار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. ھالبۇكى، جەننەتنىڭ خۇش پۇرىقى مۇنداق مۇنداق (يەنى تولىمۇ يىراق جايلارغىچە) يېتىپ تۇرىدۇ.»(مۇسلىم 3971؛ رىيازۇس سالىھىن 1634

تۈركچە ھەدىس لۇغىتى

http://hadisler.vesiletunnecat.com/

ھەدىس: جەننەتكە كىرىشنىڭ يولى

رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىگە كېلىپ تۇنجى سۆزلىگەن ھەدىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىچىپ ئاشقىنىنى ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەردى ۋە: ناھايتى ياخشى، تەملىك تەييارلاپسىلەر، دائىم شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. مۇسلىم 1316-ھەدىس

ھاراق توغرىسىدىكى ھەدىسلەر-ھاراقنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى

قىرىق ياخشى ئەمەل باردۇر. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۈستىنى مۇسۇلمان قېرىندىشىم سۈتىنى سېغىپ ئىچىۋالسۇن دەپ ئۆچكىسىنى ئۆتنە بېرىشتۇر. قانداقلا بىر مۇسۇلمان شۇ ياخشى ئەمەللەردىن بىرىنى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ ۋە ئاللاھنىڭ (ياخشىلىققا ساۋاب بېرىش) ۋەدىسىگە ئىشىنىپ تۇرۇپ قىلسا، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.»(بۇخارى 2631؛ رىيازۇس سالىھىن 138

مەسجىدكە ئۇلاغلىق بېرىشنى خالىمىغان ساھابە

دەرەخ تىكىش ۋە زىرائەت تېرىشنىڭ ئەجرى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

«مەن ناماز ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلەندىم.»(ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئەبۇ داۋۇد 4928؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 2506

سەھىھ ھەدىسلەردىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتى

مۇسلىم 34-ئىمان كىتابى:كىمكى ئاللاھنىڭ رەببى بولغانلىقى، ئىسلامنىڭ دىنى بولغانلىقىغا ۋە مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ پەيغەمبىرى بولغانلىقىغا رازى بولسا، ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيدۇ

سەھىھۇل جامىئ 1590: ئىمان قەلبىڭلاردا كىيىم كونىرىغاندەك كونىرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھتىن قەلبىڭلاردىكى ئىمانىڭلارنى يېڭىلاپ بېرىشىنى سوراڭلار

ئىبنى ماجە 2043: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۇممىتىمنىڭ خاتالاشقان، ئۇنتۇپ قالغان ۋە مەجبۇرلانغان ئىشلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى

بۇخارى 3841؛ مۇسلىم 2080: جاھالەتنىڭ ئۆزرە ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدىغان ھەدىس-مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن جەسىتىمنى كۆيدۈرۈڭلار، ئۇنى ئۇندەك قىلىپ شامالغا ئۇچۇرۋېتىڭلار

تۇغقاندارچىلىققا ئەھمىيەت بېرىشكە بۇيرۇغان ھەدىسلەر

تىرمىزى 2180: كاپىرلارنىڭ چوقۇنىدىغان زاتى ئەنۋاتى بولغىنىدەك بىزگە مۇشۇ زاتى نەۋاتنى قىلىپ بەرگىن

بۇخارى 2382؛ مۇسلىم 84: ياخشىلىق قېلىشقا قادىر بولالمىساڭ كىشىلەرگە يامانلىق قىلمىغىن بۇمۇ ئۆزۈڭگە قىلغان سەدىقىدۇر

بۇخارى 1773؛ بۇخارى 26؛ مۇسلىم 83؛ مۇسلىم 1349: ھەجنىڭ پەزىلىتى- رامىزاندا قىلىنغان ئۆمرىنىڭ ساۋابى ھەجنىڭ ساۋابىغا باراۋەر بولىدۇ.

ئىبنى ماجە: لائىلاھە ئىللەللاھ دېيىشنىڭ پەزىلىتى

ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلار بايان قىلىنغان ھەدىسلەر

جىھاد توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر

پەيغەمبەرلەر بايان قىلىنغان ھەدىسلەر

بۇخارىي 3443; مۇسنەد ئەھمەد 10981: مەن مەريەم ئوغلى ئىيساغا دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ھەممىدىن يېقىنمەن. پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتى بىر بولغان، ئانا جەمەتى باشقا بولغان قېرىنداشلاردىندۇر، ئۇلارنىڭ دىنى بىردۇر

خاۋارىجلار توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ۋە شەرھى

بۇخارى 56، 4409؛ مۇسلىم 1628؛ ئەبۇ داۋۇد 2864؛ مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 3\63؛ ئىبنى ھىببان 7261؛ رىيازۇس سالىھىن 6: ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ھەر بىر خىراجىتىڭ ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىسەن

بۇخارى 1422؛ رىيازۇس سالىھىن 5: ئى يەزىد! ساڭا قىلغان نىيىتىڭ ئۈچۈن ساۋاب بېرىلىدۇ. ئى مەئىن! سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى

بۇخارى 2838؛ مۇسلىم 1911؛ رىيازۇس سالىھىن 4: مەدىنىدە كېسەل سەۋەبىدىن قېلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. سىلەر قەيەرگە ماڭساڭلار، ھەرقانداق جىلغىدىن ئۆتسەڭلار، ئۇلار سىلەر بىلەن بىللە ھېسابلىنىدۇ

بۇخارى 3900؛ مۇسلىم 1864؛ رىيازۇس سالىھىن 3: مەككىنىڭ فەتھىدىن كېيىن (مەككىدىن مەدىنىگە) ھىجرەت يوقتۇر. لېكىن جىھاد ۋە نىيەت باقىي قالىدۇ. ئەگەر سىلەر جىھادقا چاقىرىلساڭلار، جىھادقا چىقىڭلار

بۇخارى 2118؛ مۇسلىم 2884؛ رىيازۇس سالىھىن 2: بىر قوشۇن كەبىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، بىر دالاغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ

بۇخارى 3: رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي قانداق كەلگەن؟

بۇخارى 1؛ مۇسلىم 1907: ھەقىقەتەن بارلىق ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتكە باغلىق. ھەقىقەتەن كىشىگە ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھىجرەت قىلسا

1- وعن أمير المؤمِنين أبي حَفْصٍ عمرَ بنِ الخطابِ قالَ : سَمِعتُ رَسُولَ اللهِ  ، يقُولُ : (( إنّمَا الأَعْمَالُ بالنِّيّاتِ ، وَإِنَّمَا لِكُلِّ امرِىءٍ مَا نَوَى ، فَمَنْ كَانَتْ هجرته إلى الله ورسوله ، فهجرته إلى الله ورسوله ، ومن كانت هِجْرَتُهُ لِدُنْيَا يُصيبُهَا ، أَوْ امْرَأَةٍ يَنْكَحُهَا ، فَهِجْرَتُهُ إِلى مَا هَاجَرَ إِلَيْه )) . مُتَّفَقٌ عَلَى صِحَّتِهِ . [1] مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ھەقىقەتەن بارلىق ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتكە باغلىق. ھەقىقەتەن كىشىگە ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھىجرەت قىلسا، ئۇنى ھىجرىتىدىن ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ رازىلىقىنى تاپىدۇ. كىمكى بۇ دۇنيادا پۇل-مالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ياكى خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ ھىجرىتىدىن شۇنى تاپىدۇ.»(بۇخارى 1؛ مۇسلىم 1907؛ رىيازۇس سالىھىن 1)

ئىبنى ماجە 968، 2901؛ مىشكات مەسابىھ 2534: ئاياللارغا ئۇرۇشسىز جىھاد بار. ئۇ ھەج ۋە ئۆمرىدۇر

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن:«ئى رەسۇلۇللاھ! ئاياللارغا جىھاد بارمۇ؟» دەپ سورىۋىدىم، «شۇنداق. ئاياللارغا ئۇرۇشسىز جىھاد بار. ئۇ ھەج ۋە ئۆمرىدۇر» دېدى. ھەدىسنى ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان، ئەسلى سەھىھۇل بۇخارىدا بار. (بۇلۇغۇلمەرام 1260) [ئىبنى ماجە 968، 2901؛ ئەلبانى سەھىھ سۈنەن ئىبنى ماجەدە سەھىھ دېگەن؛ مىشكاتۇل مەسابىھ 2534؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن]

بۇخارى 559: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن شام نامىزىنى ئوقۇپ يانغاندا، ئوقيا ئاتساق، ئوقنىڭ چۈشكەن يېرىنى پەرق ئېتەلەيتتۇق

بۇخارى 3257: جەننەتنىڭ سەككىز ئىشىكى بولۇپ، شۇ ئىشىكلەردىن بىرىنىڭ ئىسمى ‹رەييان› دۇر. بۇ ئىشىكتىن روزا ئەھلىدىن باشقىسى كىرمەيدۇ.

سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ( فِي الْجَنَّةِ ثَمَانِيَةُ أَبْوَابٍ، فِيهَا باب يُسَمَّى الرَّيَّانَ لاَ يَدْخُلُهُ إِلاَّ الصَّائِمُونَ ) «جەننەتنىڭ سەككىز ئىشىكى بولۇپ، شۇ ئىشىكلەردىن بىرىنىڭ ئىسمى ‹رەييان› دۇر. بۇ ئىشىكتىن روزا ئەھلىدىن باشقىسى كىرمەيدۇ.» (بۇخارى 3257)